بەل ئاغرىش: بۇ بەلكىم دوۋساق ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان بىلەن سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش، زۆرۈر بولغاندا دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈتۈش لازىم، بۇ مەزگىلدە سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئاچچىق، تەركىبىدە خۇشپۇراق ماددا بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. ياللۇغنى قايتۇرۇپ فىزىكىلىق داۋالا، كاۋا يېغى ياكى ساندال ياغىچى يېغى بىلەن يۇيۇنسا ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.
ئاسان ئاچچىقلىنىش: كىچىككىنە ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغىمۇ يىغلىسىڭىز، ئەگەر بۇ ئەھۋال خاراكتېرىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا قالقانبەزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قالقانبەز ھورمۇنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئاسان ھاياجانلىنىش، تېرىككەك بولۇش، ئاسان يىغلاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ، بىراق كۈندىن- كۈنگە جۈدەپ كېتىشتۇر. ئاياللاردا يەنە ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز ئازراق ئىششىپ قېلىش: بۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دائىم سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
كەچتە پۇت ئىششىپ قېلىش: ئۇ ۋېنا سوزۇلما زەئىپلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق ئىشلار خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئارتېرىيە دىۋارىنى مۇستەھكەملەيدىغان تالا ماددىلىرى مول.
دائىم قول-پۇتلىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش: ئۇ كالتسىي بىلەن ۋىتامىنD كەملىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر سۈت مەھسۇلاتلىرى،جىگەر،يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىشى لازىم.
ئادەتتىكىدىن كۆپ تەرلەش: بۇ قان تومۇرى ۋېگتاتىپ نېرۋىلىرىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەتتىكى تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى مەنپەئەت قىلمىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىش، دائىم ئۇسساش: بۇ ئالامەتلەر دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالامىتىگە ئازراق ئوخشايدۇ. زۆرۈر بولغاندا قان شېكىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا نورمال بولسا تاتلىق ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.
كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش: ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تارقاق چاچ چۈشۈش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، (چاچ باش قىسمىدىن باشلاپ چۈشىدۇ)، كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى روھىي بېسىم،ساقايمىغان جاراھەت ياكى ناتوغرا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كېسەللىك ياكى تۇغما كېسەللىكلىرىمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号