سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشنىڭ زىيىنى كۆپ: دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا ئادەم سوغۇق ھېس قىلىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، مۇسكۇللار يىغىلىپ قېلىش، نېرۋىلار جىددىيلىشىشتەك بىر قاتار سېزىمچانلىق تەسىرلەر كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا ئامال بار سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ ھەيز،بالا ئېمىتىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز توختاپ قورساق ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان باكتېرىيەلەر جىنسىي يولغا كىرىۋېلىپ، جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسىلى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، فىزىئولوگىيەلىك ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قان بېسىمى زىيادە تۆۋەن بولغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ: سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا ئادەمنىڭ قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، تۆۋەن قان بېسىملىق كىشىلەردە چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە كوللاپس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ: ئىسپىرت جىگەر فۇنكسىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ، شېكەرنىڭ تەكشى قويۇپ بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى گلۇكوزىنىڭ ئىسراپ بولۇشى ئېغىرلىشىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنغاندا قان شېكىرى تولۇقلىنالمايلا قالماستىن، ئاسانلا باش قېيىش،كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تويۇنغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ: تويۇنغاندىن كېيىن يۇيۇنغاندا پۈتۈن بەدەندىكى تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قان تومۇرلار ئىسسىق سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كېڭىيىدۇ، كۆپ قىسىم قان بەدەننىڭ سىرتىغا مايىللىشىپ، قورساق بوشلۇقىدىكى قاننىڭ تەمىنلىنىشى ئازلاپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنى ھەتتا كوللاپس بولۇپ قېلىپ ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمگەكتىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ: جىسمانىي ئەمگەك ياكى ئەقلىي ئەمگەكتىن كېيىن بىر ئاز دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا يۈرەك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى ھەتتا ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىزىغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ: ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى38گىرادۇسقا يەتكەندە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى %20ئېشىپ كېتىپ،بەدەن ئاجىزلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يۇيۇنغاندا ئاسانلا تاساددىپىي ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号