ئاياللاردا كېلىماكتىرىيە مەزگىلدىن كېيىن ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ قوغداش رولى تۆۋەنلەيدۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى،ئاياللاردا بولسا ئاساسلىقى قىل قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، كۆپىنچە ئايال كېسەل قوزغالغاندا مەيدىسى چىڭقىلىدىغان ياكى مەيدىسى ئاغرىيدىغان ئالامەتلىرىنى ھېس قىلمايدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، 1984-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا ھەر يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كېسەللىك مىسالىنىڭ ھەممىسىدە ئاياللار كۆپ،ئەرلەر ئاز بولغان. ئاياللار قانداق قىلغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىيالايدۇ؟ يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمىيىتى لوس ئانجېلىس تارماق جەمىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ماگنات ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تەشۋىقات ۋاسىتىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئەگەر ئاياللار تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىسا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك:
ئۈزلۈكسىز چارچاش: بۇ خىل چارچاش ھەمىشە ئالدىراش ماڭغاندا كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەدىنىنى رۇسلاشقىمۇ ماغدۇر قالمايدۇ، چارچىغاندا بەدەننىڭ مەلۇم ئورنى چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن بەلكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بولىدۇ.
دەم سىقىلىش: بەزى يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، نەپەس ئالالمايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل نەپەسلىنىش قىيىنلىشىشنى كىشىلەر دائىم نەپەس يېتىشمەسلىك دەپ ئاتايدۇ. بىرنەچچە مىنۇت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن نەپەس ئېلىشى نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما بىمار قايتىدىن ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا يەنە دېمى سىقىلىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ھاسىراشقا كىشىلەر دائىم سەل قارايدۇ،بولۇپمۇ ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار تېخىمۇ بەك سەل قارايدۇ.
ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ، يۇقىرىقى قورساق ئاغرىيدۇ ياكى ھۆ قىلىدۇ: ئادەتتىكى ئاشقازان كېسىلىگە ئوخشىمايدىغىنى، يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان ئاغرىقىدا مۇجۇپ ياكى سانجىپ ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ، بېسىپ ئاغرىشمۇ دائىم كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئىچى پۇشۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، بەزىدە يەنە ئاستا ئاغرىغاندەك ھەمدە كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرغۇسى كەلگەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.
ئېڭەك ياكى گېلى ئاغرىيدۇ: تۆۋەنكى ماڭلاي سۆڭىكى ئاغرىيدۇ، بەزىدە ئاغرىق بويۇن قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە ياكى ئىككى تەرىپىگە تارقىلىدۇ.
بىلەك ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ سول بىلەك ئاغرىيدۇ: سول بىلەك ۋە سول مۈرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى دائىم كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئوڭ بىلەككە تارقىلىدۇ، ئاغرىق ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ قول ۋە بىلەكنى كۆتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، ئاغرىق ئادەتتە يېنىك بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىمايدۇ، بېغىش ۋە بارماققا تارقالمايدۇ، ئادەتتە بىلەك ئىچكى تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号