تەركىبى: كاسىنە ئۇرۇقى 40 گرام، جۇۋىنە 15 گرام، ئىزخىر 12 گرام، پىننە 25 گرام، سازەچ ھىندى 25 گرام، شوخلا 25 گرام، سۇمبۇل 20 گرام، كاكىنەچ 15 گرام، قىزىلگۈل 100 گرام، كەرەپشە يىلتىزى 100 گرام، رۇم بەدىيان 50 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 10 گرام، قوۋزاقدارچىن 8 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈپ، شېكەر بىلەن بىرلا ئۆرلىتىپ 1000 گرام شەربەت تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەر ۋە قان تومۇرلىرىدىكى مايلارنى پارچىلاش، جىگەر ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى، ئورۇقلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 30-60 مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号