تەركىبى: قىرقىلغان پىلە 150 گرام، گاۋزىبان ھىندى 15 گرام، ئۆشنە 15 گرام، سۇمبۇل ھىندى 15 گرام، ئاق سەندەل 15 گرام، قىزىل سەندەل 15 گرام، ئۇد ھىندى 15 گرام، لاچىندانە 15 گرام، كاۋاۋىچىن 9 گرام، بەرگى رەيھان 60 گرام، بىدمىشكى 60 گرام، ئىپار 1.5 گرام، ھەسەل 60 گرام، ناۋات 750 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ناۋاتنى قويۇپ ئۆرلىتىپ 2000 گرام شەربەت تەييارلىنىدۇ. شەربەت سوۋۇغاندىن كېيىن ئىپارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قان تولۇقلاش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، رەڭگىرويىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ياخشى تەسىر بېرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号