تەركىبى: كاسىنە يىلتىزى 15 گرام، بەدىيان يىلتىزى 15 گرام، كەرەپشە يىلتىزى 15 گرام، كۆكنار پوستى 15 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى 15 گرام، ئارپىبەدىيان 9 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 9 گرام، زۇپا 9 گرام، پىرسىياۋشان 9 گرام، توم زەنجىۋىل 9 گرام، كاۋاۋىچىن 9 گرام، رەۋەن چىنى 6 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈپ، 750 گرام شەربەت تەييارلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن رەۋەننى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
تەسىرى: يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، نەزلە، يۆتەل قاتارلىقلارنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号