تەركىبى: ئارپىبەدىيان 15 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 15 گرام، رۇم بەدىيان 15 گرام، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى 15 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 30 گرام، ئاق سەندەل 9 گرام، قىزىلگۈل 6 گرام، سىركە 500 گرام، شېكەر 120 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىقلىرىنى چالا سوقۇپ، قايناق سۇغا 12 سائەت چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ، خالتىغا ئېلىنغان ئەفتىمۇن ئۇرۇقىنى سېلىپ 2-3 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، سىركە، شېكەرنى سېلىپ ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: قان تومۇر، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش ۋە كونا تەپ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-50 مىللىلىتىرغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号