تەركىبى: چىلان 300 گرام، ئەفتىمۇن 30 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 15 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرام، سىركە 300 گرام، قەنت 200 گرام.
تەييارلىنىشى: چىلاننى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ 12 سائەت چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم چىلانغان ئەفتىمۇننى بىرلەشتۈرۈپ 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، سىركە ۋە قەنىتنى قويۇپ ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش ۋە كونا تەپ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 50-100 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号