تەرىپى: يەككە دورىلارنى قايناق سۇغا چىلاپ مەخسۇس پار قازىنى بىلەن قاينىتىپ، سوغۇق تەسىر قىلدۇرۇپ، پارلاندۇرۇپ ئېلىندىغان دورا ياسالمىسى بولۇپ، سېلىنغان دورىنىڭ پۇرىقى ۋە تەمىگە ئىگە بولغان سۈزۈك دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
ئەرەق دورىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى: ئەرەق دورىلارنى ئىستىمال قىلىشقا قۇلايلىق، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئۈنۈمى ناھايىتى تېز بولۇپ ساقلاش مۇددىتى باشقا سۇيۇق دورا ياسالمىلىرىغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ.
ئەرەق دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلى: يەككە دورىلارنى پاكىزلاپ، قاتتىقلىرىنى چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇغا چىلاپ مەخسۇس پارغا ئايلاندۇرۇش قازىنىغا قويۇپ سۇ ئوت بىلەن سۈيى تۈگىگىچە قاينىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号