قورساق توق چاغلاردا جىنسىي ئالاقە قىلىش ھەرگىز تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ چاغدا قېرىندا تاماق ھەزىم قىلىش قىيىنلىشىپ، بەدەندە ئېغىرلىق پەيدا بولىدۇ. مۇبادا شۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، ئالاقىدىن كېيىن بىر ئاز يۈرۈپ ياكى جىسمانىي مەشغۇلات بىلەن ئاشقازاندىكى تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىش لازىمدۇر.
ئالاقىدىن كېيىن بىر ئاز بولسىمۇ، ئۇخلاپ ئارام ئېلىش پايدىلىقتۇر. ئەمما ئۇخلاش ئالدىدا يېيىلگەن تاماقنى ئازراق بولسىمۇ سىڭدۈرۈپ ياتماق زۆرۈردۇر. ئاچ قورساق ئالاقە قىلىشمۇ زىيانلىقتۇر. تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشى ئۈچ باسقۇچتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ ۋاقتى ئالاقە ئۈچۈن مۇناسىپدۇر. ئەگەر شۇ ھالەت تۈننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىغا قىسىمغا توغرا كەلسە ۋە ئالاقىدىن كېيىن تۈننىڭ قالغان قىسمىدا ئۇخلانسا بۇنىڭ پايدىسى كاتتىدۇر.
مەسىلەن: بۇنىڭدا سەرپ قىلىنغان مەنىينىڭ ئورنى تولغان بولىدۇ. مۇناسىپ ۋاقىتتىكى قىلىنغان ئالاقە ساغلام ۋە كامالەتلىك پەرزەنتنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولغۇسىدۇر. چۈنكى شۇ تۈندىكى ئالاقىدىن كېيىن ئايال كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنىغا ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئۇخلىسا ماتكىغا چۈشكەن مەنىي ياخشى جايلىشىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. لېكىن قان ئالدۇرغاندا، ياندۇرغاندا، تەرەت قىستاپ تۇرغاندا، ئىسسىق ھاۋادا جىنسىي ئالاقە قىلىش زىيانلىقتۇر. بولۇپمۇ ئىسسىق مىزاجلىقلار ئىسسىق ھاۋادا. سوغۇق مىزاجلىقلار سوغۇق ھاۋادا ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك كەيپ ھالەتتە، غەزەپ-ئاچچىقى قوزغالغاندا، ئارتۇقچە خۇرسەن بولغاندا ۋە ئۇيقۇسىزلىقتا قىلىنغان ئالاقىمۇ زىيانلىقتۇر.
بولۇپمۇ جىسمانىي مەشغۇلاتتىن كېيىن ئىشلەپ چارچىغان پەيتتە، مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىن ۋە ئۇسساپ تۇرغان چاغدىكى جىنسىي ئالاقىمۇ زىيانلىقتۇر.
تىك تۇرغان، ئولتۇرغان ئايالنىڭ ئاستىدا يېتىپ ياكى يانپاشلاپ ئالاقە قىلىنغاندا مەنىينىڭ چىقىشى قىيىنلىشىشتىن تاشقىرى يانپاش سۆڭەك، بۆرەك، ئاشقازان، زەكەر ۋە باشقا ئىچكى ئەزالاردا ھەرخىل كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىندۇر. ئەڭ قۇلاي ۋە پايدىلىق ئۇسۇل ئايالنىڭ ئوڭدا يېتىپ، پۇتلىرىنى تىزىغىچە پۈككەن ھالدا كۆتۈرۈپ بېرىشى، ئەرنىڭ بولسا تىزىنى يەرگە قويغان ھالدا قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ قىلىنغان مۇناسىۋەت ئەڭ ياخشىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号