ھېكىملەر رەئىسى (ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا) ئېيتىدۇكى:
جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچىلسە تىترىگەك كېسىلى بولۇپ قېلىش، بەدەننىڭ بوشىشىپ كېتىشى، جىگەر زەئىپلىكى ۋە ئىستىسقا (سېرىق سۇ) كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ.
بىر كىشى جىما ( جىنسىي مۇناسىۋەت) دىن كېيىن دائىم سوغۇق سۇ ئىچەتتى، ئاخىرى ئۇ <قاتتىق ئۇسساش> يەنى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەم ئۇزاق بىر مەزگىل دارچىندىن شۈمۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاچقا كېسەلدىن ئاستا-ئاستا ساقايدى.
ھەرقېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئاۋال، ئەر ئۆز ئايالىغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى، مايىللىقىنى سەزدۈرۈشى، لېۋىدىن، ئېڭىكىدىن سۆيۈپ، ئۆز مەھبۇبىسىنى باغرىغا بېسىشى، قوللىرىنى ئېڭەكلىرىگە تەگكۈزىشى، كۆكسىنى سىيلاپ بېرىشى كېرەك. يوتىسىنى بارماق ئۇچىلىرى بىلەن سىيلاپ قىچىقلاش كېرەك. شۇ چاغدا ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسسىياتى ئويغىنىدۇ، ئايالدا ئىنزال (تولۇق قېنىش) بولمىغۇچە، ھېچقانداق ھوزۇرلىنىش بولمايدۇ. ئەگەر ئەر ئايالدىن بالدۇر بوشانسا، ئايالنىڭ جىنسىي ئىنتىلىشى بېسىلمىغان بولىدۇ، قەلب ئاراملىقتىن ئۇنىڭغا نېسىۋە تەگمەيدۇ. شۇڭا، ئايال بۇنداق ئەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. دېمەك، ئايال كىشىدە ئىنزال ( تولۇق قېنىش) يۈز بېرىشكە ئىنتىلىش لازىم. پەقەت شۇ چاغدىلا ئەرگە نىسبەتەن ئايالنىڭ مۇھەببىتى ئاشىدۇ، زوق ۋە لەززەتلىنىش ھاسىل بولىدۇ.
جىنسىي يېقىنلىقتىن كېيىن يەنە يېقىنلىق قىلىشماقچى بولسا ئاۋۋال جىنسىي ئەزا يۇيۇلۇشى كېرەك. ئاندىن يېقىنلىق قىلىشقا بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئايالىنىڭ جىنسىي ئەزاغا قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلىنمىسا، كۆپىنچە پەرزەنت كور (قارىغۇ) تۇغۇلىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا بارلىق غەم-قايغۇلارنى ئۇنتۇپ، چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ سۆرىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلىنسا بالا چىرايلىق تۇغۇلىدۇ. مۇبادا جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا خۇنۈك-سەت نەرسىلەرنىڭ سۆرىتى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بەتبەشىرە نەرسىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە تەسەۋۋۇردىكى نەرسىگە ئوخشايدىغان بالا تۇغۇلۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号