جىنسىي مۇناسىۋەتكە قۇۋۋەت بېرىدىغان بەلۋاغلار
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 22:50 03-10-17
يازما ئاۋاتلىقى: 24998
زەپەر رەڭلىك يىپەكتىن توقۇلغان بەلۋاغ، بۇ بەلۋاغ بۆرەكنىڭ ئىسسىق ۋە ئۇرۇقىنىڭ ساغلام بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. سېرىق بەلۋاغ ئاقتىن ياخشىراق بولىدۇ. ئەگەر تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان بەلۋاغ تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر بۇلغۇن تېرىسى تېپىلسا، تۆت بارماق كەڭلىكتە توقۇپ بەلگە باغلىۋالسا جىنسىي ئەزاغا پايدا بېرىدۇ، ئۇرۇقنى چىڭ ساقلايدۇ. ئاق سۆسەر (قاقۇم) تېرىسىدىن قىلىنغان بەلۋاغ بەلگە باغلانسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. سېرىق يىپەكتىن قىلىنغان بەلۋاغمۇ شۇنداق ئۈنۈم بېرىدۇ.