جالىنۇس ۋە بۇقرات (سوقرات) ھېكىم ئۆز كىتابلىرىدا شۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئۆرە تۇرۇپ جىنسىي ئالاقە قىلىش بىرمۇنچە ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە يانپاشلاپ يېتىپ ئالاقە قىلغاندا، بۆرەك كېسىلى پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۇرۇقنىڭ خام چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئايالنى دۈم ياتقۇزۇپ قويۇپ ئالاقە قىلىشمۇ دوۋسۇن ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولىدۇ.
ھەركىم ئايالى بىلەن بىرگە بولۇۋاتقاندا ھېرىسمەنلىك ۋە شەھۋەتپەرەسلىك بىلەن ئۇنىڭ ئۇياتلىق (جىنسىي ئەزاسىغا) قارىسا كۆپىنچە پەرزەنتى كور تۇغۇلىدۇ. بۇنداق قىلىقسىزلىقتىن جەزمەن ساقلىنىش لازىم.
كىمكى خوتۇنى بىلەن ھەر ئىككى ياقتىن ئالاقە قىلسا شۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغۇسىدۇر. ناۋادا پەرزەنتلىك بولسا ئاغزى ۋە قولتۇقى بەتبۇي پۇرايدىغان بولۇپ تۇغۇلىدۇ.
كىمكى تومۇرىغا نەشتەر (ئۇكۇل) ئۇردۇرغان ياكى قان ئالدۇرغان پەيتتە خۇتۇنىغا يېقىنلاشسا تۇغۇلغان پەرزەنتى تاز بولىدۇ.
كىمكى ماغدۇرسىز ھالەتتە ياكى بىرەر ئىش قىلىپ چارچاپ تۇرغان پەيتتە خوتۇنى بىلەن يېقىنلاشسا ئۇ ئادەمدە يۈرەك سېلىش (خاپىغان كېسىلى) پەيدا بولىدۇ. ۋە كۈچسىز پات-پات كېسەل بولىدىغان پەرزەنت تۇغۇلىدۇ.
جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە ئوبدان ماسلىشىپ بېرىشى، ئاستا-ئاستا مەقسىتىگە يېتىشى، مەقسەت تولۇق ھاسىل بولغاندىن كېيىن يۇمشاق لاتا بىلەن پاكلىنىشى لازىم. ۋىسالدىن كېيىن بىرەر شېرىن نەرسە، مەسىلەن: قەنت چاي ياكى ناۋات چاي ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىرەر سائەت سول قولنى بېسىپ يېتىپ ئىستىراھەت قىلسىمۇ بولىدۇ. شۇ قائىدىگە ئەمەل قىلغان كىشى دائىم قۇۋۋەتلىك ۋە ساغلام بولىدۇ.
ۋىسالغا يېتىشنى خالىغان ئادەم، ئاۋۋال بىرەر شېرىنلىكنى ھازىرلاپ، سۇلارنى ئىسسىتىپ قويۇپ ئاندىن ھەرىكەتكە كىرىششى كېرەك. چۈنكى سۇغا چۈشۈشى شەرت بولغان ئادەمنىڭ سۇغا چۈشمەستىن ئۇزاق يېتىپ ئۇخلىشى ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق بولىدۇ ھەمدە كۆڭلىدە قارىلىق پەيدا بولىدۇ. شېرىنلىكتىن بەھرىمەن بولمىغاندا ئۆزىگە ئۆزى زىيان كەلتۈرىدۇ. ئېھتىياتچانلىق ئىنتايىن مۇھىم.
كىمكى خوتۇنى بىلەن يېقىنلىشىۋاتقان پەيتتە، نەرگىس گۈلىگە قارىسا، ئالما ۋە ئانارنىڭ سۈيىدىن ئىستىمال قىلسا تۇغۇلغان پەرزەنتىنىڭ يۈزى چىرايلىق، كۆزى خۇمار بولىدۇ.
كىمكى خوتۇنى بىلەن ئالاقىدە بولىدىغان چاغدا، قىزىل گۈلگە قاراپ تۇرسا ياكى ئاق شېكەر يېسە، بىر ئاز ئىپار ۋە دارچىننى ئارىلاشتۇرۇپ، گۇلاپ بىلەن قوشۇپ ئېرىتىپ جىنسىي ئەزاسىغا سۈرتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەت قىلسا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ كۈچلۈك لەززەت ئالىدۇ. مۇشۇ چارىدىن كېيىن تۇغۇلغان بالا ناھايىتى چىرايلىق، خۇشپېئىل ۋە كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇچى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号