جىنسىي ئالاقىگە تەييارلىنىش توغرىسىدا
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 22:15 04-10-17
يازما ئاۋاتلىقى: 26106
جىنسىي ئالاقىگە كۆپ بېرىلگەن ئادەم چارچاشتىن، مۇنچىدا كۆپ تەرلەشتىن ساقلىنىشى، بەدىنىنى قىزىتىپ قۇۋۋەت قىلىدىغان پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى جىنسىي ئالاقە تۈپەيلىدىن قان زەئىپلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاش ئالدىدا تاماقلىنىپ، تاتلىق-تۈرۈم ۋە شېرىن-شەربەتلەردىن ئىستېمال قىلىش، خۇشبۇي نەرسىلەردىن سېپىپ بەدەننى مايلاپ يېتىشنى ئادەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاچچىق، شور، چىشنى قامىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماستىن، بەلكى تۈرلۈك مۇراببالار، موزاي گۆشى ۋە قۇش گۆشلىرى، ياڭاق، ھەسەل قاتارلىق قاننى كۆپەيتىدىغان نەرسىلەردىن ئىستېمال قىلىش پايدىلىق. ئاچ قورساق، چارچىغان ۋە ئاغرىغان ھالەتتە ئالاقە قىلىش بەك زىيانلىقتۇر. شۇنداقلا ئالەت (زەكەر) قاتتىق تۇرماي تۇرۇپ ئالاقە قىلىشمۇ زىيانلىقتۇر.