بىلگىنكى، ئەرلەرنىڭ ئالىتى (زەكەر) سۈيدۈك قاپچۇقى سۆڭىكىدىن ئۆنۈپ چىققان ئىچى بوش، كاۋاك-كاۋاك پەيلەردىن ۋە تومۇرلاردىن ئىبارەتتۇر. كاۋاك پەيلەر جىنسىي ئالاقە پەيتلىرىدە سۇيۇق ھور بىلەن تولغاندىن كېيىن ئالەت (زەكەر) قاتىدۇ. ئالەت ئاستىدا بىر كىچىك بەز بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن مايسىمان سۇيۇقلۇق چىقرىپ، مەنىي يولىنى مايلاپ، سۈيدۈكنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى، يەنى ئېچىشتۇرۇشنى قايتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا كۆپرەك جىنسىي ئالاقە قىلغان كىشىنىڭ سۈيدۈك يولىدا ئېچىشىش سېزىلىدۇ ۋە پەيدا بولىدۇ. بۇ ئاشۇ بەز مېيىنىڭ تۈگەشكە يېقىنلاپ قالغانلىقىغا بىشارەتتۇر.
ئالەتنىڭ (زەكەر) ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىككىدۇر. بىرىنچىسى، جىگەر، ئىككى بۆرەك ۋە تومۇرلاردىكى ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق، يەنى سۈيدۈكنى تاشقىرىغا چىقىرىش. ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن شەكلى بىلەن مەنىي (شەھۋەت) سۈيىنى ماتكىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتۇر.
ئۇرۇقدانغا جىگەردىن، مېڭىدىن ۋە يۈرەكتىن مەخسۇس يوللار ئارقىلىق قان كېلىپ تۇرىدۇ. يۈرەكتىن بولسا ھېس-تۇيغۇنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن شەھۋانىي قۇۋۋەت كېلىپ تۇرىدۇ. مېڭىدىن بولسا سېزىم ۋە ھەرىكەت قۇۋۋىتى كېلىدۇ. قوشۇلۇش جەريانىدا بەدەندىكى بارچە سۇيۇقلۇق ماددىلىرى قوزغىلىدۇ. جۈملىدىن سۆڭەكلەر، پەيلەر، گۆش، تومۇرلار ۋە باشقا ئەزالاردىكى سۇيۇقلۇقلار قوزغىلىشقا باشلايدۇ. مېڭىدە مەنىي توپلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككى قۇلاق ئارقىسىدىكى تومۇرلارغا ئۇنىڭدىن يەل سۆڭەكلىرى ئارقىلىق بۆرەكلەرگە، ئۇنىڭدىن ئۇرۇقدانغا كېلىپ، ئاندىن ئالەت (زەكەر) يولى ئارقىلىق چىقىشقا تەييارلىنىدۇ. مەنىي سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە خاس يول بىلەن كېلىدۇ. چىقىش جەريانىدا پۈتۈن بەدەندە ھارارەت كۆتۈرىلىدۇ. بوشانغان پەيتتە ئىنسان ۋۇجۇدى ئۆزگىچە بىر راھەت ۋە ئاجايىپ لەززەت ھېس قىلىدۇ.
مېڭە، يۈرەك، جىگەر ۋە بۆرەكلەرنىڭ بىرەرسى كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ئۇنىڭ ئاسارىتى ئالەتتە كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئالەتكە تۇتاشقان يوللار بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا چەمبەرچەس باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەب بۇزۇلغاندا يۈرەكتىن كېلىدىغان قۇۋۋەت توختىغاندا ياكى جىگەر، بۆرەكلەردىن قان كېلىپ ئالەتنى تويغۇزمىغاندا ئىنساندا جىنسىي ئالاقىگە بولغان مايىللىق يوقىلىدۇ ياكى سۇسلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەتنىڭ پائالىيىتى بۇزۇلغاندا مەزكۇر ئەزالىرىنىڭ بىرەرسىدە كېسەللىك پەيدا بولۇپ، ئاشۇ ئەزانى داۋالاش زۆرۈردۇر. ئاشقازان پائالىيىتى بۇزۇلسىمۇ شۇنداق تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى جىگەرگە ئۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتۇر. بەزىدە ئالەتنىڭ ئىشتىن قېلىشىغا ئۇنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولغان زاھىرىي تاشقى كېسەللىكلەرمۇ سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۇنى مەخسۇس مايلىق مەلھەم دورىلارنى سۈرتۈش يولى بىلەن داۋالاش لازىمدۇر
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号