خەنزۇچە نامى:郁金
ئەرەپچە نامى: زۆرەنباد
تونۇش: بۇ زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك زەرچىۋە، زۇرۇمباد ياكى بۇزۇغىنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، <زۇرۇمبات> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل يوقىتىش، بەدەننى سەمرىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بەلغەم مەنبەلىك يۆتەل، روھىي كېسەللىكلەر، يۈرەك قوزغاش، يەل مەنبەلىك بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىلاردىكى تولغاق، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئېسىلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىمنىڭ ناچارلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭدىن بىر گرام مىقداردىكى سۇفۇپىنى ئىستىمال قىلسا يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرىغا قوشۇپ ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى ئېزىپ سوغۇقتىن بولغان ئىششىقلارغا چېپىلسا ئىششىقلارنى تارقىتىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 2-4 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: يۈرەككە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە.
ئورۇنباسارى: بوزىدان، دۇرنەج ئەقرەبى
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号