خەنزۇچە نامى:神香草
تونۇش: بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زۇپانىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى <زۇپا> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: بەلغەم بوشىتىش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: زىققە، بەلغەملىك يۆتەل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، قىزىتما، نەزلە، زۇكام قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىپ ئىچكۈزۈلىدۇ، زۇپادىن شەربەت تەييارلاپ ئىشلىتىلسە، يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، زۇپانى ھەسەل، سۇزاپ بىلەن قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغلىرى، كونا يۆتەل قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-9 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: جىگەرگە زىيانلىق
تۈزەتكۈچىسى: ئاچچىق ئانار، سەرپىستان.
ئورۇنباسارى: پىرسىياۋشان، مەرزەنجۇش، سۆئتەر
چىقىش ئورنى: ئىران، پەلەستىن، ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号