• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • زۇلۇك 水蛭
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 22:25 05-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 16001
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    خەنزۇچە نامى:水蛭

    ئەرەپچە نامى: ئەلەق

    تونۇش: بۇ بىر خىل قۇرت بولۇپ ئۆستەڭ ۋە كۆللەردە قالغان سېسىق سۇلاردا ئۇچىرايدۇ، بۇ بىر قانچە خىل بولىدۇ، بەزىسى ئۆستەڭدە، سۈيى تاتلىق كۆللەردە بولىدۇ، رەڭگى ئاق، قارا، چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇراھال بولىدۇ، بېشى قارا، يۇمىلاق كېلىدۇ، قورسىقىنىڭ تېگى قىزىل، دۈمبىسىدە كۆك سىزىقلىرى بولىدۇ، بۇنداقلىرىمۇ ياخشى ھېسابلىنىدۇ، بەزىسى بەك قارا، يوغان كېلىدۇ، بۇنداقلىرى ناچار ھېسابلىنىدۇ.

    تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

    شىپالىق رولى: قاننى جانلاندۇرۇپ، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىپ، ھەيزنى راۋان قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، يىرىڭ تازىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەيز تۇتۇلۇش، سىرتقى زەخىملىنىش، بالىياتقۇ مۇسكۇللىرى ئىششىش، ھەيز توسۇلۇشتىن بولغان تۇتقاقلىق قاتارلىقلارا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۆپىنچە جاراھەتلەرنىڭ قان يىرىڭلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تىرىك زۇلۇكنى جاراھەتكە يېپىشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. زۇلۇكنىڭ قۇرۇقىنى ھەسەل قوشۇپ يالانچۇق تەييارلاپ، گېلى بوغۇلۇپ قالغان كىشىگە بەرسە گالنى ئاچىدۇ، قۇرۇقىنى ئېزىپ سەبرى بىلەن قوشۇپ بوۋاسىرنىڭ دانىلىرىغا، چاقىلىرىغا چېپىلسا پايدا قىلىدۇ، بەدەندىكى چاقىنىڭ ئىزلىرىنى يوقىتىدۇ، زۇلۇكنى زەيتۇن يېغىدا پىشۇرۇپ ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىغا چاپسا كۈچلۈك قىلىدۇ، شۇنىڭدەك زەيتۇن يېغىدا كۆيدۈرۈپ چاپسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ، زۇلۇكنىڭ كىچىك خىلىنى كۆيدۈرۈپ سىركە بىلەن ياكى نەشىنىڭ سۈيى بىلەن چاپسا كىرپىكلىرىگە ئارتۇق تۈك چىقىشتىن ساقلايدۇ ۋە كۆيدۈرۈپ بىنەپشە يېغى بىلەن ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تۆشۈكىگە تېمىتىلسا، سۈيدۈكنىڭ تېمىپ كېلىشىگە دوۋسۇن يىرىڭلىق جاراھەتلىرىگە پايدا قىلىدۇ، زۇلۇكنىڭ چوڭىدىن 15 دانىنى تىرىك ئېلىپ، ئۇنى 80 گرام قۇرۇق خىراتىن (يەر تېگىدىن چىقىدىغان بىر خىل قىزىل قۇرت) بىلەن 300 گرام يېڭى پاكىز كۈنجۈت يېغى بىلەن تازا قاينىتىپ، ئاندىن كېيىن سۈزۈپ شېشىگە سېلىپ ساقلاپ قويۇپ، ھاجەت بولغاندا ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئەتراپلىرىغا ۋە ئۆزىگە چاپسا جىنسىي ئەزانى قوزغايدۇ، مەزكۇر ياغنى سۇ چۈشۈپ كونىراپ قېتىپ قالغان ئۇرۇق بېزى (تاشاق) غا بىر قانچە كۈن ئۈزمەستىن قىزىتىپ چېپىپ بەرسە ئۇرۇقدانغا چۈشكەن سۇنى يوقىتىپ ساقايتىدۇ. زۇلۇكنىڭ ياخشىسىنى بۇزۇق قان بار يەرگە مەسىلەن: سەپكۈن، ساقايمىغان يىرىڭلىق چاقىلار ۋە تەمرەتكە بار ئەزالارغا يېپىشتۇرۇپ قويۇلسا، بۇزۇق قاننى شوراپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك نەشتەر بىلەن قان ئالغىلى بولمايدىغان نازۇك ئەزالارغا يېپىشتۇرۇپ قويۇلسىمۇ، بۇزۇق قانلارنى شوراپ تازىلايدۇ، لېكىن زۇلۇك قويىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى بۇزۇق خىلىتلاردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن بىمار سوغۇق سۇ، سوغۇق ھاۋا، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەردىن ساقلىنىشى لازىم، ئەتىسى زۇلۇك قويىدىغان جايغا يەنە قويۇلسا قېيىپ (بۇزۇلغان) قالغان قانلارنى شورىۋالىدۇ. لېكىن ئىككىنچى قېتىم قويغاندا ئالدىنقى قېتىمدىن سانى ئازراق بولۇشى لازىم.

    مەسىلەن: ئاۋۋالقى كۈندە 10 نى قويغان بولسا، ئەتىسى 5 نى قويۇش لازىم، لېكىن بىمارنىڭ قۇۋۋىتىگە قاراش لازىم. زۇلۇكنى قويۇشتىن بۇرۇن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرسا ئۆزىدىكى بۇزۇق قاننى قۇسىدۇ، ئاندىن كېيىن قويۇلىدۇ. زۇلۇكنى قويىدىغان يەرنى خام بىلەن سۈرتۈپ قىزارتىپ، ئاندىن كېيىن قويسا ياخشى، قاننى شوراۋاتقان چاغدا زۇلۇكنى ئېلىۋەتمەسلىك لازىم. ئۆزى قويۇپ بەرگەندە ئالسا بولىدۇ، تۇز، كۈل ياكى پىيازنى ئېغىزىغا چېپىپ قويسا زۇلۇك ئۆزى بوشايدۇ، زۇلۇك بوشىغاندىن كېيىن ھاراققا چىلانغان پاختا بىلەن يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ تازىلىنىدۇ، ئەگەر زۇلۇك قويغان يەر سۇ تەككەندىن ياكى ھاۋا تەسىردىن ئاغرىسا ياكى ئىششىپ، قىچىشسا، ئۇ چاغدا زەرچىۋىنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ داكىغا ئوراپ مەزكۇر جفيغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم سوغۇق سۇ ۋە سوغۇق ھاۋادىن ساقلىنىدۇ، زۇلۇك قاننى شوراپ بولغان ئەزادىن ئايرىلغانىدىن كېيىن زۇلۇكنىڭ ئېغىزىغا بىر ئاز تۇز چېپىپ قويسا شورىان بارلىق قانلارنى قۇسىدۇ، ئەگەر بىر ئادەم زۇلۇك بار سۇنى ئىچىپ سلېپ زۇلۇك ئۇنىڭ گېلىدا توختاپ قىلغان بولسا، تۇز ياكى سىركە بىلەن غار-غار قىسلا زۇلۇك دەرھال چىقىپ كېتىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: يېڭىسىدىن 4-8 گرام.

    زىيانلىق تەسىرى: ھامىلدار ئاياللارغا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号