خەنزۇچە ئاتىلىشى: 小糪实
تونۇش: بۇ زىرىق ئائىلىسىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك قارا مېۋىلىك زىرىقنىڭ قۇرۇق مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، <زىرشىك>، <زەرشىك> ياكى <زىرىق> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: سەپرانى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، ھەزىمنىڭ ناچارلىشىشى، ئۇسسۇزلۇق، ۋىتامىن c نىڭ يېتىشمەسلىكى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كالپۇك يېرىلىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: زىرىق سۈيىنى ئەمەن سۈيى بىلەن قوشۇپ بېرىلسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، زەپەر بىلەن قوشۇپ بېرىلسە جىگەرنىڭ قاتتىقلىقىنى يۇمشىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆزىنى خېمىر قىلىپ قاتتىق ئىششىقلارغا چېپىلسا ئىششىقنى قايتۇرىدۇ، سۈيىنى ئىچسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ، زىرىق مېسىسىنى يالغۇز ياكى مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ بېرىلسە ئۈچەي جاراھەتلىرىنى ساقايتىدۇ، ئېچىشىشنى ۋە ئۈچەينىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ باراۋەر مىقداردا ئالمىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن قوشۇپ ئازراق شېكەر بىلەن قوشۇپ شەربەت قىلىپ ئىچسە زەھەرلىك ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشىدىن زەھەرلىنىپ قالغانغا، بىھوشلۇققا، ئىشتىھاسىزلىققا پايدا قىلىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ۋە باشقا يۇقىرىدىكى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ. زىرىقنىڭ مېۋىسىنى سۇمبۇل، دارچىن، ھەسەل قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە بالىياتقۇدىن كېلىدىغان سۇيۇقلۇقنى ئازايتىدۇ، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، كۆپىنچە مۇرەككەپ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى يالغۇز ئۆزىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيانلىق.
تۈزەتكۈچىسى: سوغۇق مىزاجلارغا قەلەمپۇر، ئۈچىيىدە يەل بارلارغا شېكەرگە ئوخشاش تاتلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ بېرىش.
ئورۇنباسارى: قىزىلگۈل ئۇرۇقى، ئاق سەندەل.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە تاغلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号