خەنزۇچە نامى: 胡麻
تونۇش: بۇ زىغىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زىغىرنىڭ پىشىپ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى بولۇپ، <زىغىر ئۇرۇقى> ياكى <تۇخۇمى كاتان> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: بۇزۇق ماددىلارنىڭ تازىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىچىنى بوشىتىش، بەلغەم چىقىرىش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، يىرىڭلىق چاقىنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل ياللۇغلىنىش، ئۆپكە، كۆكرەك پەردە، بوغۇم، سېرىقئەت، جىگەر ياللۇغلىرى، زىققە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، نەزلە، قاتتىق يۆتەل، گالنىڭ قىچىشىشى ۋە قۇرۇشى، سۈيدۈك، ئۈچەي ۋە بالىياتقۇ ياللۇغلىرى ۋە ھەرخىل يىرىڭلىق جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: زىغىردىن ھەركۈنى يېرىم گرام يەپ بەرسە، ئۈچەي ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈكنى، تەرنى، سۈتنى، ھەيزنى ماڭدۇرىدۇ، بۆرەك ۋە دوۋسۇندىكى تاشلارنى چىقىرىدۇ، جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ، تال ياللۇغى ۋە نەپەس سىستېمىسى كېسەللىرى ئۈچۈن ھەسەل بىلەن يېيىلىدۇ، باھنى قوزغاش ئۈچۈن قارىمۇچ بىلەن بېرىلىدۇ. سوقۇلغان زىغىردىن 10 گرامنى قاينىتىپ سۈزۈپ ئىچكۈزۈلسە قەي يېنىپ بەلغەم چىقىرىلىپ كۆكرەك تازلىنىدۇ. كۆكرەكنى تازىلاش ئۈچۈن زىغىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زىغىرنى چالا سوقۇپ زىمات قىلىنسا ياكى زىغىر يېغى بىلەن ياغلانسا، بوغۇم ئاغرىقلىرى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، بۇنى ئەنجۈر بىلەن تاڭسا، يۈزدىكى قارا داغلارنى ئالىدۇ، ئېزىپ تاڭسا قاتتىق ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، توغرىغۇ بىلەن چاپسا سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ، كۈنجۈت يېغى بىلەن چاپسا زەخىملەرنىڭ ئېچىشىشىنى توختىتىدۇ ياكى زىغىرنى كۆيدۈرۈپ يۇمشاق ئېزىپ جاراھەت ياكى چاقىلارغا سېپىلسا ئاغرىق توختايدۇ. ئىششىقلارنى قايتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 8-11 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ يېسە كۆزگە زىيانلىق.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، سىركەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت.
ئورۇنباسارى: ھۆلبە
چىقىش ئورنى: ئېلىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号