خەنزۇچە نامى:松油
تونۇش: بۇ بىر تۈرلۈك يېلىمغا ئوخشاش نەرسە بولۇپ بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ. 1. زۇپتى يابىز، 2. زۇپتى بەھرى. 3. زۇپتى جەبەلى. مۇتلەق زۇپتى دەپ ئاتالسا زۇپتى بەھرى كۆز تۇتۇلىدۇ. زېپتى بەھرى قەتىرانغا ئوخشايدۇ. رەڭگى قارا، نېفىتكە ئوخشاش زېمىندىن سىزىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ سۇيۇقىنى قىرات دەپ ئاتايدۇ. بۇنى كېمىنىڭ يېرىقلىرىغا سۇ كىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن سۇۋۇلىدۇ ھەم مەلھەم دورىلارغىمۇ قوشۇلىدۇ، بۇلارنىڭ ياخشىراقى يۇمشاق بولغىنىدۇر.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يەل ۋە ئىششىقلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چوڭ بوغۇملارنى قۇۋۋەتلەش ۋە سوغۇق يەلنى تارقىتىش، تىز ئاغرىقىنى قالدۇرۇش، گۆش ئۆندۈرۈش، جاراھەتنى ئېغىز ئالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، يانپاش ئاغرىقى، چوڭ ۋە كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، ماخاۋ، ھەرخىل زەخىملىنىش ۋە سۇنۇق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ بېرىلسە ئىچىنى سۈرىدۇ، ئەگەر ئۇنى قايتا-قايتا ئەزاغا چاپسا ماخاۋ كېسىلى ئۈچۈن ۋە سۇنۇق ئەزالارنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەنپەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 2-6 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا.
ئورۇنباسارى: كەتىرا، جاۋاشىر، سوققۇر.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
قوشۇمچە: زۇپتى رۇمى ئەسلىدە ئاسفالىت بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا داۋالاش ئىشلىرىدا يۇقىرىقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بىر خىلى قارىغايدىن چىقىرىلىدىغان نېفىتكە ئوخشايدىغان ماددا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号