خەنزۇچە نامى:地龙
تونۇش: بۇ سازاڭلار ئائىلىسىدىكى ھايۋانات سازاڭقۇرتنىڭ پۈتۈن تېنى بولۇپ، بۇ قۇرتنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن تېنى <سازاڭقۇرت> ياكى <قىزىلقۇرت> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: باھنى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق قايتۇرۇش، قىزىتما چۈشۈرۈش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، بەدەندىكى ھەرخىل ھۆل تەمرەتكىلەر، بەدەننىڭ يېرىم پالەچ بولۇشى، پۇت-قول ئاغرىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، كۆيۈشتىن جاراھەتلەنگەن يارىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: باھنى كۈچەيتىش، قۇۋۋەتلەشكە 3.5 گرام سازاڭقۇرت تالقىنىنى يالغۇز ئىستىمال قىلىنىدۇ. پالەچ، رېماتىزىم، پۇت-قول ئاغرىقلىرىغا ئىككى گرام سازاڭقۇرت تالقىنى، يېرىم گرام زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا تالقىنى بىلەن بېرىلىدۇ. بەدەندىكى ھەرخىل ھۆل تەمرەتكىلەرنى داۋالاشتا خېمىر قىلىپ زىمات قىلىنىدۇ ياكى تالقىنى سىرتتىن سېپىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈشكە ئىككى گرام تالقىنى گۈلقەنت بىلەن يېيىلىدۇ ياكى تۇخۇمەك گۈلى ئەرقى بىلەن، نېلۇپەر ئەرقى ياكى گۈلبىنەپشە قاتارلىقلار بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. كۆيۈك ياكى يارىلىنىشلارغا سۇفۇپى سېپىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-10 گرام.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号