خەنزۇچە نامى: 安息香
تونۇش: بۇ ئېگىزلىكى 10-20 مېتىر ئەتراپىدا بولىدىغان، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان غوللۇق بىر خىل دەرەختىن ئېقىپ چىقىپ مومغا ئوخشاش قاتىدىغان بىر خىل ماددىدىن ئىبارەت بولۇپ <سالاجىت> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق.
شىپالىق رولى: زەھەر قايتۇرۇش، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇش، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، روھىنى كۆتۈرۈش، يەل ھەيدەش، مەنىي ۋە سۈيدۈكنى تۇتۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك يولىرىدىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە بارلىق ئەزالار روھىغا قۇۋۋەت بېرىش، كۆڭۈلنى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ خۇن كېسەللىرىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: زەھەرلىنىش، يۆتەل، كاناي ياللۇغى، قورساق ئېسىلىش، مەنىي ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، سۈيدۈك يوللىرىغا تاش پەيدا بولۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە ئاياللاردىكى خۇن كېسەللىكى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 0.4-0.8 گرام.
چىقىش ئورنى: لائوس، ۋېيتنام، تايلاند، سوماتىرا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号