خەنزۇچە نامى:芦荟
تونۇش: بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىككى خىل سەبرە ( ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈك <ئالۇي گۈلى> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر) يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىپ قاتۇرۇلغان شىرنىسى بولۇپ <سەبرى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سەبرىنىڭ يۇيۇلغىنى يۇيۇلمىغىنىدىن كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىشتە ئىمكان بار يۇيۇپ ئىشلىتىش لازىم.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يەل ھەيدەش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، ئىچىنى سۈرۈش، ئاشقازان، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ھەيز ماڭدۇرۇش، سۈيدۈك كەلتۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، جاراھەتلەرنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: تال ياللۇغى، كۆز ئاجىزلىقى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، ھەزىم ئاجىزلىقى، ھەيز تۇتۇلۇش، قىچىشىپ ئېچىشتۇرىدىغان جاراھەت، كۆيۈك يارىسى، سۇلۇق تەمرەتكە، بوغۇم ئاغرىقى، جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىكى توسۇلۇش، مالىيخولىيا، مېڭە كېسەللىكلىرى، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، چاپلىشاڭغۇ خىلىتلاردىن بولغان ناسۇر، مودۇر، ئۈچەيگە مەددە پەيدا بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سەبرىدىن بەش گرامنى قايناق سۇ بىلەن بەرسە ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى سۈرۈپ ئاشقازاننى تازىلايدۇ. مەستىكى رۇمى بىلەن قوشۇپ بەرسە مېڭىنى تازىلايدۇ. غارىقۇن بىلەن قوشۇپ بەرسە مۇپاسىل ئاغرىقلىرى ۋە ھاسىراشنى توختىتىدۇ.
قىزىلگۈل ۋە مەستىكى بىلەن قوشۇپ بەرسە ئاشقازان كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. بەلغەم ۋە سەپرا ئارىلاشقاندىن بولغان تال كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. بەلغەم ۋە سەپرا ئارىلاشقاندىن بولغان ئۇسسۇزلۇققا، ئىشتىھانى ئېچىشقا، كىچىك تىلنىڭ كۆيۈپ ئاغرىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈت ئىمىدىغان بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ بەرسە قىلقۇرتنى چۈشۈرىدۇ. سەۋدانى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تۆت گرامدىن ئىچسە بەدەننىڭ ھەر بىر ئورگانلىرىدا تۇرۇپ قالغان كونا يەللەرنى سۈرىدۇ. كۆزگە سۈرمە قىلىنسا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەم كۆزنىڭ يىرىڭلاپ ۋە قىچىشىپ ئاغرىغىنىغا پايدا قىلىدۇ.
ئاق توغرىغۇ ۋە تۇز بىلەن قوشۇپ باشقا چېپىلسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ھەم سوغۇقتىن مېڭىدىن چۈشكەن سۇنى توسايدۇ، پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ كىچىك بالىنىڭ بېشىغا چاپسا باشتىكى جفراھەتلەرنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ ھەم پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا ۋە قۇلاققا تېمىتىلسا بۇ ئورۇنلاردىكى جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ. قاپاقنىڭ تاتلىق ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا چېپىلسىمۇ يۇقىرىقى تەسىرنى بېرىدۇ. ھەببۇلئاس شەربىتى بىلەن قوشۇپ ھەرخىل زەربە تەگكەن ئورۇنلارغا چېپىلىدۇ ھەم باش ئاغرىقىغا، سوغۇقتىن بولغان ئىششىققا، ھەرخىل زەربە تەگكەن ئورۇنلارغا چېپىلىدۇ ھەم باش ئاغرىقىغا، سوغۇقتىن بولغان ئىششىققا، ھەرخىل جاراھەتلەرگە، ئېغىزمان ئاغرىقىغا، مۇپاسىل ئاغرىقىغا، بوۋاسىرغا چېپىلىدۇ.
شاراب بىلەن قوشۇپ غار-غار قىلسا ياكى ئېغىزدا تۇتۇپ تۇرۇلسا تىلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىششىققا، چىش مىلىكىنىڭ ئىششىقىغا، ئېغىز ئىچىدىكى ھەرخىل ئىششىقلارغا پايدا قىلىدۇ. ھەسەل ھەم يۇمغاقسۈت بىلەن قوشۇپ تىلما كېسەلگە چېپىلىدۇ.
ھەيز تۇتۇلۇپ قېلىشتا دورا تەييارلاپ يېگۈزۈلىدۇ. ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يەككە ھالەتتە ئۆزى ئاز مىقداردا ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 0.5-1 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئادەتتە بوۋاسىرغا زىيان قىلىدۇ، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتسە قان كەلتۈرىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە جىگەرنى زەئىپلەيدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئۈچەي كېسىلى ئۈچۈن كەتىرا، ئاشقازان ۋە جىگەر كېسىلى ئۈچۈن قىزىلگۈل، مەقئەت كېسىلى ئۈچۈن مۇقەل، گۈل يېغى، بىنەپشە يېغى ياكى ئۆچكە يېغى قوشۇپ بېرىش. ئەمما زىيانلىق كېسەللەرگە ئىمكان بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئورۇنباسارى: شەھمەنزەل، سوقمۇنىيا.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئاز مىقداردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ. بۇ ئەسلى شىمالىي ئافرىقىنىڭ مەھسۇلاتى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号