• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • سەرپىستان 大叶破布木实
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 14:46 15-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 15491
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    خەنزۇچە نامى:大叶破布木实

    تونۇش: بۇ بوتاكۆز ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك سەرپىستان دەرىخىنىڭ مېۋىسى بولۇپ <سەرپىستان> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ مېۋىسى يۈرەك شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى بىر بارماقتىن يېرىم بارماققىچە، سارغۇچ جىگەر رەڭدە كېلىدۇ، پىشقاندا قارا رەڭگە يېقىنلىشىدۇ، قۇرۇتۇلغان رەڭگى قارا بولىدۇ، ئىچىدە ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇرۇقى ئېتىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئېتى شىرنىلىك، تاتلىق ۋە پارقىراق بولۇپ، بۇنىڭ ئوبدان پىشقان ۋە يېڭى بولغىنى ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.

    تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.

    شىپالىق رولى: كاناي ۋە كۆكرەكنى سىلىقلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۇتقۇنچاق ۋە كاناي قۇرۇش، نەزلىلىك زۇكام، كۆكرەك ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، قۇرۇق يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، تولغاق، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سەرپىستاننى ئېغىزدا تۇتۇپ سۈيىنى يۇتسا 10 گام سەرپىستاننى 125 مىللىلىتىر سۇغا ئاخشىمى چىلاپ قويۇلغان سۈيى ياكى قاينىتىلغان سۈيىنى ئىچسە كۆكرەكنى ۋە كاناينى تازىلايدۇ. كۆكرەك ۋە كانايدىكى ئىششىقلارنى پەسەيتىدۇ، قۇرۇق يۆتەل ۋە ئاۋازنىڭ پۈتۈپ قېلىشىغا پايدا قىلىدۇ، تەشنالىقنى، سەپرانى ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن بولغان سۈيدۈكنىڭ كۆيۈپ كېلىشىنى يوقىتىدۇ، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ، ئىچ سۈرىدىغان دورىلارنى ئىسلاھ قىلىدۇ، سەپرا ۋە قان خاراكتېرلىك قىزىق تەپلەرنى پەسەيتىدۇ، شەربەت قىلىپ ئىچسە ئۈچەيدىكى بەلغەم، ھۆللۈكلەرنى ۋە كۈچلۈك دورا ياكى شاراب ئىچكەن سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 10 گرام.

    زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان، جىگەرگە زىيانلىق.

    تۈزەتكۈچىسى: چىلان ياكى قىزىلگۈل.

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىزدىن ۋە ھىندىستان، سىرلانكا، بەھرەيىن قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号