• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • سەدەپ 石决明
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 15:02 15-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 15047
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    خەنزۇچە نامى:石决明

    تونۇش: بۇ مەرۋايىت قۇلۇلىسى ئائىلىسىدىكى ھايۋانات مەرۋايىت، مارتىن ئۈنۈچە قۇلۇلىسى ۋە سەدەپ قۇلۇلىسى قاتارلىق بىرقانچە خىل سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ پوستلاق قاپلىق مەرۋايىت قەۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئادەتتە <سەدەپ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

    شىپالىق رولى: پەي ۋە نېرىپنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، بەلغەمنى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىچ سۈرۈش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئۆپكە سىلى، سىفلىس، قان بۇزۇلۇش، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، ھەيزنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سەدەپ ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سەپسە ئىچ سۈرۈشنى ۋە ھەرخىل ئەزادىن كەلگەن قاننى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاكىلە (قارايەل-نوما)، سىفلىس جاراھەتلىرىنى ساقايتىدۇ، چىش گۆشلىرىگە باسسا چىشنى چىڭىتىدۇ ۋە چىشنى پارقىرىتىدۇ. بۇرۇننىڭ ئىچىگە قويۇلسا بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ، قۇرۇقتىن ئاغرىغن كۆزگە تارتسا پايدا قىلىدۇ، يىرىڭنى يوقىتىدۇ، ياۋا كىرپىككە پايدا قىلىدۇ، سىركە بىلەن قوشۇپ سۆگەلگە چاپسا سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ، مەقئەتكە سېپىلسە ياكى باسسا بوۋاسىر جاراھەتلىرىگە پايدا قىلىدۇ، كۆيدۈرۈپ ئاق تۇز بىلەن قوشۇپ چىش ئاغرىقىغا باسسا ساقىيىدۇ، چىش مىلىكىنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ، قاندىن بولغان جاراھەتلەرگە باسسا پايدا قىلىدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن كۆيۈككە چېپىلسا پايدا قىلىدۇ. ئىسسىق سۇ ياكى ئىسسىق ياغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ چاپسا ئاق داغ ۋە سەپكۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. يۈزىگە چېپىلسا چىرايلىق قىلىدۇ، سىركە بىلەن قوشۇپ قۇلاق ئارقىسىغا چېپىلسا باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، سۇ بىلەن قوشۇپ چېپىلسا ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ، ئىچسە يۈرەكنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، كۆيدۈرۈپ بوۋاسىرنى ئىسلىسا پايدا قىلىدۇ، ئىچسە سوغۇقتىن بولغان يەللەرنى تارقىتىدۇ، جۇۋىنە ئەرقى بىلەن خېمىر قىلىپ پاختا بىلەن كىندىكنىڭ تۈۋىگە تاڭسا باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى شورپا قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ، يېغى باشقا چېپىلسا چۈشۈپ كەتكەن چاچنى چىقىرىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: كۇشتىسىدىن 250-500 گرام.

    زىيانلىق تەسىرى: ئۈستىدىكى قارا پوستىنى قىرىۋەتمەي ئىشلەتسە تالغا زىيان قىلىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى: سىركە، ئانار سۈيى، ھەرخىل مېۋە شەربەتلىرى.

    ئورۇنباسارى: مەرۋايىت.

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرى رايونلىرىدىن، ئەرەب دېڭىزى بويلىرىدىن ۋە سەيلۇندىن چىقىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号