جىنسىي ھېسياتنىڭ قوزغىلىش دەۋرى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا يات جىنىسلىقلار بىلەن كۆز سەزگۈسى، پاراڭلىشىش، ئاڭلاش سەزگۈسى، پۇراش سەزگۈسى، سۆيۈشۈش، تەم سەزگۈسى ھەم تەننىڭ تېگىشىش سەزگۈسى قاتارلىق بەدەن ياكى روھنىڭ جىنسىي ھەۋەس قوزغالغاندا زەكەردىكى بۇلۇتسىمان تەنچىلەرگە قان تولۇپ زەكەر قايىم بولىدۇ. مۇسكۇللار جىددىيلىشىپ، پۇت-قول، بويۇن، قورساق ۋە داس قىسمىدىكى مۇسكۇللارمۇ ئۆزلىكىدىن قىسقىرايدۇ ھەم خۇشاللىققا چۈمگەن بىئاراملىق ھېس قىلىپ پۈتۈن بەدەندە جىددىيلىشىش بولىدۇ.
جىنسىي ھېسياتنىڭ قوزغىلىش دەۋرى جىنسىي جۈپلىشىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، بۇ باسقۇچتىكى غىدىقلىنىشلار ئەرنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلمىسا زەكەر قوپمايدۇ. ئايالنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلمىسا ئايال كىشى ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەتكە ماقۇل بولسىمۇ جىنسىي لەززەت ئالالمايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىدىن جىنسىي لەززەت ئالالمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-ئايال ئىككىلى تەرەپتە جىنسىي سۇسلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، جىنسىي ھېسياتنىڭ قوزغىلىشى دەۋرىدىكى بەدەن ۋە روھىي سەزگۈلەر ئارقىلىق بىر-بىرىگە بېرىلىدىغان جىنسىي غىدىقلارغا سەل قارىماسلىق لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号