جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەم ئورگانىزىمىدا فىزىئولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا پايدىلىق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا قاتارلىق تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ئەڭ لەتىف ئۇچۇچان قىسمىدىن بارلىققا كېلىدىغان <روھ> نىڭ ھاسىل بولۇشىنى كۈچەيتىدۇ ۋە كۆپەيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بولغان ھەرخىل ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىيلىشىشنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، جىسمانىي ۋە روھىي قۇۋۋەتلەرنى جانلاندۇرىدۇ. بىراق، شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىپ ھەددىدىن زىيادە كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى پەقەتلا قىلماسلىق روھنى قۇرىتىدۇ. شۇڭا ئۇ ساغلاملىق ئۈچۈن زىيانلىق، مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرۇش سالامەتلىك ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ چەك-چېگرىسى قانداق بولىدۇ ؟
جىنسىي مۇناسىۋەت ساغلاملىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
ياشلار ھەر ھەپتىدە 2-3 قېتىم، ئوتتۇرا ياشلىقلار 1-2 قېتىم، قېرىلار بىر ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ياكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق ئەلۋەتتە. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىنىدۇ. بۇ تەبىئىي قانۇنىيەت بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىمۇ بارا-بارا ئازىيىپ بارىدۇ. لېكىن ھەربىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئۇلاردىكى پەرقمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنىڭ نورمال، ۋاقىتنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى بەلگىلەشتە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ياكى ئەتىسى بەدەندە بىئارام بولۇش، روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمىسىلا ئۇ جىنسىي مۇناسىۋەت مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ پايدىسىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئورگانىزىمدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەرخىل بەزلەرنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نەسىللىنىش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى توسايدۇ.
2. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، روھىي قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمال خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ ھەم مۇسكۇللار ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورگانىزىمنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت نېرۋا پائالىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى توختىتىپ، بۇلجۇڭ گۆشلەشنى بوشىتىدۇ، نەپەس ئېلىش يوللىرىنى تازىلاپ، راۋانلاشتۇرۇپ ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
4. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت يۈرەكنى مەركەز قىلغان قۇۋۋىتى ھايۋانىنى قوزغاپ يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، كاربوت 4 ئوكسىدنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىننى سۈمۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ-دە، بەدەندىكى روھىي قۇۋۋەتنى جانلاندۇرىدۇ.
5. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت جىگەرنى مەركەز قىلغان قۇۋۋىتى تەبىئىتىنى كۈچەيتىپ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تېز ھەزىم بولۇشىغا ۋە سۈمۈرۈلۈپ ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىغىچە ئۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
6. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىر تۈرۈلۈك ئىستىفراغ (بەدەننى ئارتۇق ماددىلاردىن تازىلاش) بولۇپ، ئورگانىزىمدىكى بەلغىمى شەھمىييە (قاندىكى ماي) نىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىگەرنى ماي قاپلىۋېلىش، قان تومۇر قېتىشىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت روھنى ئويغىتىپ، روھىي جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن بەخىتسىز كەچۈرمىشلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ زېرىكىش، ئازابلىنىش، جىددىيلىشىش، چۈشكۈنلىشىش ۋە خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەت ھەرخىل روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىپ يۈرەك كېسىلى بولۇش، مېڭىگە قان چۈشۈش پۇرسىتىنى ئازايتىپ، ئادەمنىڭ ئۈمىدۋارلىق خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەقلىي پائالىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زېھنىنى ئېچىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. ئىجتىمائىي چەكلىمىنى ئازايتىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ ۋە ئىتتىپاقلىقنى چىڭىتىدۇ. تارتىنىش، قورۇنۇش، تۈرلۈك بىئاراملىقلارنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
8. مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت <تەبىئەت> نى كۈچلەندۈرۈپ ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو شىتاتىدىكى ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى تەتقىق قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى تېر <جىنسىي پائالىيەت ئىممۇنىتىت سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەم داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دورا> دېگەن.
ياپونىيىنىڭ سونىس ناھىيىسى شۇ يەردىكى 7200 نەپەر 80 ياشتىن ئاشقان جىنسىي تۇرمۇشى ئىناق ئۆتكەن ياشانغانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق <مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى> دەپ يەكۈن چىقارغان. مەملىكىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېقىندا 100 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ 12 يىل، ئاياللارنىڭ بەش يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەنئەنىۋى ئېرسىيەتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بەزىلەر ئادەم قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ياكى جىنسىي ھەرىكەتتە بولسا <دۇرۇس بولمايدۇ> دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ 1200 نەپەر 70-80 ياشتىكى ئەرلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرۇدىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسىي تۇرمۇشقا ھەۋىسى بارلار %60 تىن يۇقىرى بولغان. بىر قىسىم ياشانغانلار 80 ياشتىن ئاشقاندىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىكەن. جىنسىي تەلەپكە قارىتا پەرھىز تۇتىدىغان كىشىلەرنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى نورمال نىكاھتىكىلەردىن %30 يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ساغلاملىقنى ساقلايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号