ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ تۈرلىرى
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 19:17 16-02-18
يازما ئاۋاتلىقى: 18384
ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەرلەر جىنسىي ئاجىزلىقىنى سەۋەبى ۋە ئالامىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇرۇقدان كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي ئازىيىشتىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، مېڭە ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، يۈرەك ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، جىگەر ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، زەكەر تىكلەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇقدان ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، مەنىي ئېقىپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، قولدا زەكەرنى ئويناپ مەنىي ماڭدۇرۇش (ئانانىزىم)، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى يوغىناش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.