ئۇرۇقدان-ئەرلەر كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا. ئۇ، ئۇرۇق ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئەزا. ئۇرۇقدان قوشۇمچە ئۇرۇقدان، ئۇرۇقدان بېغىشى، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ مەنىي ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەلۇم بىرەرسىدە بىرەر كېسەللىك يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتسە، مەنىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەنىي ئىشلەپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەرخىل سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
سەۋەبى: بۇ، چوڭ جەھەتتىن ئىچكى سەۋەب ۋە تاشقى سەۋەب دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
1. ئىچكى سەۋەپ: ئۇرۇقدان، قوشۇمچە ئۇرۇقدان، ئۇرۇقدان بېغىشى، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى قاتارلىقلارنىڭ مىزاجى ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇقتىن بۇزۇلۇش، ئوزۇقلىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇقداندا ئاجىزلىق يۈز بېرىپ ئۇنىڭ نورمال خىزمىتى بۇزۇلۇپ، ئۇرۇق ۋە ئەرلىك ھورمۇنلار ئاجرىلىپ تۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنىڭ نورمالسىزلىنىشى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
2. تاشقى سەۋەب: ئۇرۇقدان، مەزى بېزى، سۈيدۈك يولى قاتارلىقلار ناپاك ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ سېلىش ئارقىلىق جىنسىي كېسەللىك يۇقتۇرۋېلىش، ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، مەسىلەن: ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئۈچەينىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىغا چىقىۋېلىشى، ۋېلىسپىتنىڭ رامىغا مېنىشى، لىڭگىرچاق ئويناش قاتارلىق ئۇرۇقدان زەخىملىنىدىغان ئىشلارنى قىلىش سەۋەبىدىن ئۇرۇقداننىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە كەملىك ياكى فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە بۇزۇلۇش يۈز بېرىش بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: جىنسىي ئىنتىلىش بولماسلىق، زەكەر تىكلەنمەسلىك، تىكلەنگەندىمۇ تىكلىنىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق، ئايالىنى كۆڭلى خالىماسلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، مەنىي سۈيدۈك بىلەن كېلىش، قاتتىق ئىنجىقلىغاندىمۇ ئۇرۇقدان ئستىگە تارتىلماي ساڭگىلاپ ئۆز پېتىچە تۇرۇش، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن مەقئەت ساھەسىدە ئاغرىش بولۇش، ئازراقلا ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىش-ئىچىش بىلەن ئېھتىلام بولۇپ قېلىش، ئىسپېرمىنى، لابوراتۇرىيىلىك تەكشۈرگەندە ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز، سانى ئاز چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号