مەنىي ئازىيىش ئەرلەردىكى ئۇرۇقدان، قوشۇمچە ئورۇقدان، ئۇرۇق خالتىسى، مەزى بېزى، سۈيدۈك يولى ئىچكى شارچە بەزلەر قاتارلىق مەنىي ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان بىر يۈرۈش ئەزالاردىكى ھەرخىل قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ۋە ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىچكى ئاجراتما ئاجراتقۇچى ئورگانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىرەر كېسەللىك يۈز بەرسە، بۇ كېسەللىك بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا باشقا ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەللىك جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ نورمال جىنسىي ئىقتىدارىنى ساقلاشقا زۆرۈر بولغان ھورمۇننىڭ ئىشلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. نەتىجىدە نورمال ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھاسىزلىق، قان ئازلىق، ئورۇقلاش، مەنىي ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
سەۋەبى: 1. ھەرخىل سەۋەبلەردىن خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بەدەندىكى ھەرخىل قۇۋۋەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلاپ، بىمارنىڭ ئىشتىھاسى يېتەرلىك بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى بەدەن قوبۇل قىلالمايدۇ. ئوزۇقلانغان تەقدىردىمۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەن ئۆزىگە قوبۇل قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ئەرلىك ھورمۇن ۋە مەنىي ئىشلەپ چىقىرىشقا زور دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، مەنىي ئازىيىش خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
2. ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەدەندىكى ھەرخىل ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ نورمال سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تەسىر يېتىپ، ئۇرۇقدان فونكىسىيىسى قالايمىقانلىشىپ، ئۇرۇق ئىشلەش ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى جىنسىي ھورمۇن تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار مەنىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم جىنسىي ھېسسىياتنى قوزغايدۇ.
3. ھەرخىل سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، ئۇرۇقدان، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇق خالتىسى، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى، مەزى بېزى قاتارلىقلارنىڭ مىزاجى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى پەيدا بولغاچقا سۈيدۈك يولى ئىچكى شارچىلىرى ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدىغان مەنىي تەركىبىدىكى سۇيۇقلۇقلىرى ئىشلىيەلمىگەچكە، نورمال مەنىي سۇيۇقلۇقى قويۇلۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
4. مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن مەنىي ئازىيىشتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: نەشە، ئەپيۇن، خروئىن، ھاراق قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغانلىقتىن، مېڭىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىپ، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن مەنىي ھەددىدىن زىيادە سوۋۇپ كېتىشى بىلەن مەنىينىڭ ھەرىكىتى يوقىلىپ، مىقدارى ئازىيىشقا سەۋەب بولىدۇ.
5. ئەخلاقسىز جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ھەم نورمالسىز جىنسىي تۇرمۇش، مەسىلەن: جەلق ( قولدا زەكەرنى ئويناپ مەنىي ماڭدۇرۇش) قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ مەنىينى ئازايتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ بەدىنى ئورۇق، ماغدۇرسىز، كۈچ قۇۋۋىتى ئاجىز، رەڭگى-روھىي سارغۇچ، ئىشتىھاسى كەم، ئۇرۇقدان ساھەسى سوغۇق بولۇپ، ئۇرۇقدان ساھەسى داۋاملىق سوغۇق تەرلەيدۇ ھەم يېقىمسىزلىنىدۇ. بىمارنىڭ جىنسىي ئالاقىغا بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك، ئەمما جىنسىي ئەزاسى (زەكەر) نىڭ ھەرىكىتى ئاجىز، مۇسكۇللىرى قاتتىق، مەنىي سۇيۇق ئاق رەڭلىك، مىقدارى ئاز كېلىدۇ. سۈيدۈك رەڭگى ئاق بولىدۇ. جىنسىي ئاجىزلىق ئېغىر بولىدۇ. ھۆل ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېسە ئالامەتلەر بىر ئاز يەڭگىللەيدۇ. لېكىن مەنىي كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. دائىم مەنىي ئازلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ، تومۇرى، سۇس جانسىز سالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号