ھەمىمىزگە مەلۇمكى، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال جىنسىي ئىنتىلىش بولۇپ، ئاندىن ئۇ نېرۋىلار ئارقىلىق مېڭىدىكى مەركىزى نېرۋىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ مەركىزى مېڭىنىڭ جىنسىي مەركەزنى غىدىقلىشى بىلەن زەكەر قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، ئۇنىڭ قان ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نەتىجىسىدە زەكەرنىڭ بۇلۇتسىمان نەيچىسىگە قان تولۇش بىلەن زەكەر قايىم بولىدۇ. ئورگانىزىمندىكى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن مېڭىدە ئاجىزلىق يۈز بېرىپ، نېرۋىلارنىڭ نورمال پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا تەسىر يېتىشىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىقنى-مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق دېيىلىدۇ.
سەۋەبى: 1. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سىرتقى زەربىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملىنىشى نەتىجىسىدە مېڭىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
2. ئۇزۇن مۇددەت ئەقلىي ئەمگەك قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ناچار مۇھىتتا ياشاش، جاپالىق ئىشلەش، ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل ئاچ قېلىش ۋە روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق مېڭىگە زىيانلىق ئامىللارنىڭ ئىزچىل تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە مېڭىدە ئاجىزلىق يۈز بېرىپ، نەتىجىدە مېڭە ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى جىنسىي پائالىيەتنى كونترول قىلىدىغان مەركەزلەر بەدەندىكى جىنسىي غىدىقلىنىشلارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالمايدۇ-دە، بۇ كېسەللىك يۈز بېرىدۇ.
3. يېمەك-ئىچمەك: بىرخىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش ياكى بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان بىر قانچە خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلالماسلىق قاتارلىق ئوزۇقلىنىشنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشى بەدەندە نورمال خىلىت (قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدا) نىڭ غەيرىي نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە مېڭە ۋە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى ئاجىزلاپ، بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: جىنسىي ئاجىزلىق تىپىك بولىدۇ. كۆپ خىيال قىلىش، زېھنى چېچىلىش، ئادەم خالىماسلىق، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن قېچىش، ماغدۇرسىزلىق، بوشاڭلىق، ھورمۇنلۇق، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، روھسىزلىق، ھارغىنلىق، جىنسىي ئىنتىلىش بولماسلىق، بولغاندىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىينىڭ چىققىنىنى تۇيالماسلىق، لەززەت بولماسلىق، مەنىي چىقىپ بولغاندىن كېيىنلا، ھەرخىل خىيال كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش، ئاساسلىقى مېڭىنى كۈچەيتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى يوقىتىش مەقسىتىدە، مېڭە ئاجىزلىقى سوغۇقتىن بولغان بولسا ئىسسىقلىق، ئىسسىقتىن بولغان بولسا سوغۇقلۇق قىلىپ مېڭىنى كۈچەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ.
ئەگەر مېڭە ئاجىزلىقى سوغۇقتىن بولسا بىمار سوغۇق پەسىل كۈنلەردە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقمايدۇ ياكى سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا جىنسىي ئاجىزلىق ئېغىرلىشىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号