جىگەر رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، روھىي تەبىئىينىڭ مەركىزى. جىگەر پۈتۈن ئورگانىزمنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان قان، بەلغەم، سەپرا ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى سان-سۈپەتكە لايىق ئىشلەپ، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان مۇھىم ئەزادۇر. ئەگەر ھەرخىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەردىكى تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ يەنى تارتىش قۇۋۋىتى (قۇۋۋىتى جازىبە)، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى (قۇۋۋىتى ھازىمە)، تۇتۇش قۇۋۋىتى (قۇۋۋىتى ماسىكە)، ھەيدەش قۇۋۋىتى (قۇۋۋىتى داپىئە) لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن جىگەرنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتسە، بەدەنگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، بۆرەك ۋە ئۇرۇقدان قاتارلىق مول قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق بولغان ئەزالاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
سەۋەبى: جىگەرگە داۋاملىق ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل قۇرۇقلارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپلەردىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىشى ياكى شۇ خىلدىكى يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىشىدىن ھەم ئۇزۇن مۇددەت جىسمانىي ئەمگەك قىلماستىن ياكى بەك نەم، بەك سوغۇق، بەك قۇرۇق ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەردىكى يۇقىرىقى تۆت خىل قۇۋۋەت ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. نەتىجىدە جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن: تارتىش كۈچى، ھەزىم قىلىش كۈچى جىگەر مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلۇشىدىن ئاجىزلايدۇ. ئۇ قۇۋۋەتلەر ئاجىزلىسا بەدەندىكى ماددىلار ھەزىم بولماي ھەم ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتىنى جىگەر بەدەنگە تارتماسلىق بىلەن بەدەندىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: جىنسىي ئىنتىلىش ئاجىز بولۇپ، زەكەر تىكلەنمەيدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىي ناھايىتى ئاز چىقىدۇ، قان ئازلىق، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. چىرايى كۆرۈمسىز، رەڭگى ئاق ياكى توپا رەڭ بولىدۇ. روھىي ھالىتى بەكلا چۈشكۈن، ھېچ ئىش خۇشياقماسلىق، ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆپ ئۇسسۇزۇق ئىچىش، قورساق ئېسىلىش، جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق، يېقىمسىزلىق سېزىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن جىگەرنى قۇۋۋەتلىگۈچى ھەم جىنسىي ئەزانى قۇۋۋەتلىگۈچى غىزا ۋە دورىلار بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号