جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي ئىنتىلىش نېرۋىلار ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋىغا يەتكۈزۈپ، مەركىزىي نېرۋىنىڭ جىنسىي ھەرىكىتىنى غىدىقلىشى بىلەن زەكەرنىڭ قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، زەكەردىكى كىچىك قان كاۋاكچىلىرىغا قان تولۇپ، زەكەر قايىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەركىزىي يۇلۇننىڭ توققۇز كۆز بۆلىكىدە بولۇپ ئەگەر ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەكەر، مېڭە، يۇلۇن نېرىپلىرىگە ئاپەت يەتسە، زەكەر بوشاش بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
سەۋەبى: نېرىپلارنىڭ ياكى بەدەن مىزاجىنىڭ ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇقتىن بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن زەكەردىكى نېرىپلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ ۋە ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندىكى نېرىپلارنىڭ سىرتقى تۇيغۇسى توسۇلۇپ، سېزىش ۋە ھەرىكەتنى باشقۇرغۇچى نېرىپلار تۆۋەندىكى قىسىمغا ئۆتەلمەي، شۇ ئورۇندىكى پەي-مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت ۋە سېزىش ئىقتىدارىنىڭ يوقىلىشى ياكى بەدەننىڭ بەك ئورۇق، ئاجىزلىقى ياكى بولمىسا ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق، زەكەردە ھەرىكەتنىڭ بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭ سېزىم ھەرىكەتلىرىنىڭ تۆۋەنلىشى، مىزاجىنىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشى بىلەن بەدەننىڭ ھارارىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى ھۆللۈكنىڭ كېمىيىشى، قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى، پۈتۈن بەدەنلىك ئىستىرخا، پالەچ قاتارلىق كېسەللىكلەر زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ زەكەرنىڭ بوشاپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىقتۇر.
ئالامىتى: ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، بېسىلىش، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، يامغۇردا، قاردا ياكى سوغۇقتا توڭلاش تارىخى بولىدۇ. جىنسىي ھەۋەس ۋە جىنسىي تۇيغۇسى كەم بولىدۇ. زەكەر ھەرىكەتسىز بولۇپ سۈيدۈك تۇتالمايدۇ. بەزىدە سۈيدۈك چىقىرىش قىيىنلىشىدۇ ۋە بەزىدە زەكەر ئەتراپىدا، زەكەر چۈشۈپ كەتكەندەك ئاغرىش سېزىمى ھەتتا زەكەر يوقتەك سېزىممۇ پەيدا بولىدۇ. يەڭگىلرەك بولغاندا يۇقىرىقى ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى تەكرارلىنىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئېنىقلاپ باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش ئارقىلىق بىمار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
بەدەن ئورۇق ۋە ئاجىزلىقتىن بولغان بولسا چىللىمىغان خوراش گۆشى، قۇشقاچ، پاختەك، باچكا گۆشلىرىنى دارچىن، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل قاتارلىق دورىلار بىلەن پۇشۇرۇپ، پىياز، سامساق، نۇقۇت، سەۋزە، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىقلارنى تاللاپ قوشۇپ يېيىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号