ھەرخىل روھىي ۋە پىسخىك ئامىللار باھ ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. بۇ خىل ئامىللارنى ئادەتتە ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. روھىي ھالەتتىكى قاتتىق قورقۇش، غەم-قايغۇ، تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ھارغىنلىق قاتارلىق روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقى چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قوزغىلىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىچكى ئەزالار ئاجرىتىلغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. دېمەك، روھىي سەۋەب جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
سەۋەبى: ئاساسلىقى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە جىنسىي مۇناسىۋەتنى پەقەت قىلماسلىق ياكى قىلسىمۇ ئۇزۇن مۇددەت تاشلىنىپ قېلىش ياكى تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەقسەتكە يېتەلمەي جىنسىي مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتكە توغرا كېلىپ قېلىشتىن قورقۇش ۋە باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەم-ئەندىشە، ناچار مەنىۋى پائالىيەتلەردىكى ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە پىسخىك مەسىلىلەر ئۇزارغانسېرى جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تەشۋىشلىنىش، غەزەپ-نەپرەت، ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇش، مەيۈسلىنىش، پۇشايمان قىلىش، ھەسرەت-نادامەت چېكىش، مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك قاتارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلار ئىنسانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى قوزغىلىتىشى بىر قەدەر شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكىسلار ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال ئىنكاس قايتۇرۇشىغا باغلىق. ھەرخىل نورمالسىز روھىي ئامىللار ۋە پىسخىك مەسىلىلەر چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي تەلەپ ئاجىزلايدۇ ھەم ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال سۇيۇقلۇق ئىشلەش فۇنكىسىيىسىگە تەسىر يېتىپ، شۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ بەدەندىكى تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئورگانىزىمدىكى قاننىڭ ئايلىنىش داۋامىدا ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار <جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ زەكىرى بىر سوتكا ئىچىدە بىر قېتىم قايىم بولسىلا ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى روھىي ئامىلدىن تېپىلىدۇ> دەپ قارايدۇ. سەۋەبىنى روھىي ئامىلدىن ئىزلىسەك داۋالاشنىڭ توغرا يولىنى تاپالايمىز.
ئالامىتى: قورقۇش، تەشۋىشلىنىش، ھەسرەت چېكىش، روھىي چۈشكۈنلۈك بولىدۇ. بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ساق-سالامەت بولۇپ جىنسىي تۇيغۇسى ئاجىز، ھەرىكىتى بوشاڭ بولىدۇ. جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى تۇراقسىز بولىدۇ. خىيالىي ھالدا قوزغىلىپ قالىدۇ. بىمار ئۆزىدىكى قورقۇش ھېسسىياتىنىڭ سەۋەبى بىلەن بەزى ۋاقىتتا بىر ئەزاسىنىڭ ئاجىزلىقىنى خىيال قىلسا، بەزى كۈنلىرى يەنە بىر ئەزاسىنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. بەزىدە <مېنىڭ جىنسىي قۇۋۋىتىمنى ياكى جىنسىي ئەزايىمنى قايسى بىر ئايال يكى ئەر جۇدا (سېھرى-بەنت) قىلىپتۇ دەيدۇ.
داۋالاش: كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، شۇ سەۋەبىنى يوقىتىش ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئەگەر روھىي كەيپىياتلارنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، مەسىلەن: پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان ياكى جىنسىي ئالاقە مەغلۇپ بولۇپ، بىزار بولۇش، قورقۇش ئالامەتلىرى ئىپادىلىگەن بولسا بىمارغا ئىدىيىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ چۈشەندۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا بىمارغا باشقا ھايۋانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈشلىرىنى ياكى سىنئالغۇلارنى كۆرسىتىش ۋە بىمارنىڭ جۆرىسىگە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ساقىيىش باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، جۆرىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ھالىغا يېتىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەسەللى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېسەلنىڭ ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان بولسا شۇ خىل سەۋەبنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى تۈگىتىش، مۇمكىن بولمىسا پاراكەندە قىلىدىغان، كەيپىياتنى بۇزىدىغان ئوي-خىياللارنى ئۇنتۇپ كېتىش، غەم-قايغۇ، ھەسرەت-نادامەت، ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەردىن قاتتىق ساقلىنىش، خوشال-خورام، خۇشچاقچاق، كۆڭۈل ئازادىلىك ئىچىدىكى بەختلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئويۇن-تاماشا، ھەرخىل كۈلدۈرگە، سەيلى-ساياھەت، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش لازىم.
قورقۇش، گۇمانخورلۇق كەيپىياتىنى تۈگىتىش، مېڭە ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە تەبىئىي دورىلارنى ئىستىمال قىلىش لازىم. كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىشى، پىيادە يولنى كۆپ مېڭىشى، بەك سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى، ھاراق، تاماكىدىن پەرھىز تۇتىشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号