ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەبلەردىن مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ، كىلىنكىدا دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، پات-پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە شىلىمشىق ئاق سۇيۇقلۇق كېلىش، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئۆتىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: جىنسىي ئەزا تازلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش، بولۇپمۇ ناپاك ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار مەزى بېزى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ قان قېيىشنى شەكىللەندۈرۈپ، مەزى بېزىدا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم قول بىلەن زەكەرنى ئويناپ مەنىي ماڭدۇرۇش، ئوخشاش جىنىسلىق ئەرلەر مۇھەببەتلىشىش، مەقئەتكە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ياكى شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش، شەھۋانىي رەسىملەرنى، كىنو، سىنئالغۇلارنى كۆرۈش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىنسىي ھەۋەس ھەر قېتىم قوزغالغاندا مەزى بېزىگە قان تولۇپ سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ. لېكىن، ئۇ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ مەزى بېزىدا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى مەزى بېزى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، تەبىئىي قۇۋۋەتلەرى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ مەزى بېزىدا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زۇكام، نەزلە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشلىق كېسەللىكلەرنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق مەزى بېزىگە بارغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ، يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قاتتىق ئورۇندۇقتا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش، توختىماي ئۇزۇن يول مېڭىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەزى بېزى ئەسلىدىنلا قان ئايلىنىش بىر قەدەر سۇس بولغان ئەزا بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا توختىماي يول ماڭغاندا، داۋام قەۋزىيەت بولۇپ يۈرگەندە مەزى بېزى بېسىلىشقا ئۇچىراپ يەرلىك ئورۇندا قان ئايلىنىش مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، مەزى بېزى توقۇلمىلىرىغا ئوزۇقلۇق ۋە قان يېتىشمەي ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىدۇ، بەزىدە سىيگەندە سۈيدۈك يولى ئېچىشىدۇ، ئاغرىيدۇ، ئومۇمىي بەدەندە يېقىمسىزلىنىدۇ، زەكەر يېتەرلىك تىكلەنمەيدۇ، جىنسىي قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، مەنىي تېز كېتىدۇ، كۆپ ئېھتىلام بولىدۇ، ئومۇمىي بەدەن يېقىمسىزلىنىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، داۋاملىق ھارغىن، چارچاش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، پۇت-قولى ئىسسىمايدۇ، بەدەننىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر ئورۇندا سوغۇقلۇق مەلۇم بولىدۇ ياكى سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندەك سېزىم بولىدۇ، جۇغ-جۇغ بولۇپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، پات-پات سۈيدۈك قىستايدۇ، مەنىي ئاغرىتىپ كېلىدۇ، يەڭگىل قىزىتما بولىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق بولىدۇ.
دىئاگنوز ئاساسى: 1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىدىن دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىش، ئاغرىش، پات-پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېچىشىپ ئاغرىش، جىنسىي قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
2. مەزى سۇيۇقلۇقىنى مەقئەتكە بارماق سېلىپ چىقىرىپ مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە قان، يېرىڭ بايقىلىدۇ.
3. قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمال سانىدىن ئارتۇق چىقىدۇ.
4. ئەگەر مەقئەتكە بارماق سېلىپ مەزى بېزى سۇيۇقلىقىنى چىقارغىلى بولمىسا ياكى چىقىرىشقا شارائىت بولمىسا بىمارنىڭ دەسلەپكى، ئوتتۇردىكى، ئاخىرقى سۈيدۈكىنى ئۈچ ئىستاكانغا ئېلىپ تەكشۈرگەندە بىرىنچى ئىستاكاندىكى سۈيدۈكتە قان، يىرىڭ بايقىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号