تونۇش: ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەردىن مەزى بېزى ئىششىپ قان قېيىپ چوڭىيىپ، كىلىنىكىدا كېچىسى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك مىقدارى ئازلاش، سىيىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك تۈگىمىگەندەك سېزىم بولۇش، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سىيگەندە قاتتىق ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ 50 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك مەزى بېزى ياللۇغىنى ۋاقتىدا ياخشى داۋالىمىغاندا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، مەزى بېزى توقۇلمىلىرى كۆپلەپ زەخىملىنىپ تەدرىجىي مەزى بېزى ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ، مەزى بېزى چوڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇقدان خىزمىتى چېكىنىپ بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇنلار قالايمىقانلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزىدىكى ماددا ئالمىشىش راۋان بولماي زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى يۈز بېرىپ، قان ئۇيۇش، مەزى بېزى ئىششىپ چوڭىيىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپكى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، ئەمما سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولىدۇ، كېچىسى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، سىيىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك تۈگىمىگەندەك سېزىم بولىدۇ. ئېغىرلاشقاندا ئېچىشىپ ئاغرىپ بىمار ناھايىتى قىينىلىپ سىيىدۇ، تەدرىجىي سۈيدۈك تۇتۇلۇپ تۆەنكى قورساق قىسمى چىڭقىلىدۇ ياكى قاتتىق ئاغرىيدۇ، سۈيدۈك يىرىڭ ۋە قان ئارىلاش كېلىدۇ، سۈيدۈك ئۆتكۈر سېسىق پۇرايدۇ. ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا مەزى بېزى داۋاملىق چوڭىيىپ سۈيدۈك يولىنى توسۇپ سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
دىئاگنوز ئاساسى: 1. دەسلەپكى دەۋردىكى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئاز بولۇش، كېچىلىك سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ سىيىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك تۈگىمىگەندەك سېزىم بولۇش، ئېغىرلاشقاندا ياكى سىيگەندە قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
2. سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈكى ئۆتكۈر سېسىق پۇرايدۇ. سۈيدۈكتىن قان ۋە يىرىڭ، كىچىك گۆش پارچىلىرى تېپىلىدۇ.
3. بىچاۋدا تەكشۈرگەندە چوڭايغان مەزى بېزى كۆرۈنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号