خەنزۇچە نامى:波斯阿魏
تونۇش: بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى سەكبىنەچ دەرىخىنىڭ ياغلىق يېلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، <سەكبىنەچ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ يېلىم رەڭگى توق بېغىررەڭ، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى يېقىمسىز، شەكلى ياش تامچىسىغا ئوخشاش كېلىدۇ، سىرتى قىزىل ياكى سېرىق، ئىچى ئاق ھۆل، سۈزۈك بولغانلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: قىزىتىش، يۇمشىتىش، پارقىرىتىش، يەل ۋە ئىششىقنى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، سېرىق سۇ، شىلىمشىق بەلغەملەرنى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، سېرىق سۇ چىقىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: باشقا دورىلار بىلەن مۇرەككەپ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، قاتتىق ئىششىقلاردا زىمات قىلىنىدۇ، سۈرمە قىلىپ كۆزگە تارتسا كۆزگە چۈشكەن سۇنى چىقىرىدۇ، ئەگەر بۇنى سىركىدە ئېزىپ تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئادەم ياكى ھوشسىز بولغان ئادەمگە پۇرىتىلسا ھوشىغا كېلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-2 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئىچكى ئىششىقلار ۋە ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيانلىق.
تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، بادام يېغى
ئورۇنباسارى: قارىغاي يېلىمى
چىقىش ئورنى: ئىران تاغلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号