خەنزۇچە نامى:胡萝卜
تونۇش: بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سەۋزە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى <جەزەر> ياكى <زەدەك>، ئۇرۇقى <تۇخۇمى جەزەر> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىق، يۈرەك قوزغىلىش، يۆتەل، زىققە، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇش، ئۆپكە ئىششىقلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سەۋزىنى قوقاستا پىشۇرغاندىن كېيىن قەلەمچە قىلىپ كېسىپ كېچىسى شەبنەمدە قويۇلىدۇ، ئەتىگىنى شېكەر ياكى ناۋات بىلەن قوشۇپ يېگۈزۈلىدۇ، بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە كۈن يېگۈزۈپ بېرىلسە، يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، سەۋزىنىڭ ئۆزىنى شۇنداقلا ئىستىمال قىلسا ياكى ئۇنىڭدىن مۇراببا ياساپ يېسە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ، ئەرەق تارتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئىسسىق دورىلار ۋە گۆش.
ئورۇنباسارى: چامغۇر.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号