• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • سۇزاپ 芸香
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 22:27 20-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 15124
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    خەنزۇچە نامى:芸香

    تونۇش: بۇ سۇزاپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سۇزاپ بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن چۆپى <سۇزاپ>، ئۇنىڭ ئۇرۇقى <تۇخۇمى سۇزاپ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىرغا يېتىدۇ، ناھايىتى پۇراقلىق كېلىدۇ، پۈتۈن كۆچىتى تۈكسىز، يوپۇرمىقى ئۇششاق ۋە يۇمىلاق، ئۇزۇنلۇقى 5-15 سانتىمېتىر، كۈنلۈكسىمان گۈل تىزمىسى ئەڭ ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى سېرىق، ئۇرۇقى 4-5 دانە بولۇپ پىشقاندا يېرىلىدۇ.

    تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    شىپالىق رولى: مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئەقىلنى زىيادە قىلىش، يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تېرىنى غىدىقلاش، قىزارتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قۇلاق ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، جىگەر قېتىش، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، بەھەق، بەرەس، تەمرەتكە، مېڭە ۋە پەي كېسەللىكلىرى، پالەچ، تارتىشىش، بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سۇزاپ يوپۇرمىقى سۇفۇپىدىن 3-4 گرامنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يېيىلىدۇ ھەم قاينىتىلغان سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ بېرىلىدۇ، سېرىقچېچەك بىلەن بېرىلسە ھېق تۇتۇشنى توختىتىدۇ، زەيتۇن يېغى بىلەن قاينىتىپ ئۈستىدىن ياغلىسا بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، بەزگەك، تەپ ۋە سۇلۇق ئىششىقلار ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، ئاشقازاندىكى قۇرتنى چىقىرىش ئۈچۈن شاراب بىلەن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ بېرىلىدۇ. ئايال كىشى بۇنى ئىچسە ياكى ھەمەل قىلسا ھەيز ماڭدۇرىدۇ، قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىدۇ، سۇزاپ بەدەننى زەھەرلىنىشتىن ساقلايدۇ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، يىلان، چايان چاققان، ئىت چىشلىگەن جايغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 3-5 گرام.

    زىيانلىق تەسىرى: ياشنى ئاغرىتىدۇ، كۆزگە زىيانلىق.

    تۈزەتكۈچىسى: رۇم بەدىيان، سىركەنجىۋىل.

    ئورۇنباسارى: سەئتەر، پىننە.

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسم رايونلىرى، شىنجاڭنىڭ تاغلىرى ۋە باغلىرى، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号