بۇغداي دۇنيا بويىچە ئۈچ چوڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا ئادەم بەدىنىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلگەن مۇھىم يېمەكلىكتۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
بۇغداينىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلار بولۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، بۆرەككە مەنپەت قىلىش، قاننى ئىللىتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ئىچى تىتىلداشنى تۈگىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ.
بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا، پېچىنە-پىرەنىك، بولۇپمۇ نان غەمكىنلىككە قارشى يېمەكلىك بولۇپ، روھىي بېسىمنى، جىددىيلىشىشنى، ماغدۇرسىزلىقنى يەڭگىللىتىشتە مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئىگە، بۇغداي قەۋزىيەت ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللار پىششىقلانمىغان بۇغداينى ئىستېمال قىلسا ھەيز كېسىلىش دەۋرى يىغىندى ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ.
بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر قان ئايلىنىش جەريانىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ، بۇ ئارقىلىق سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇغداي ئۇنى تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، قورۇقنى، داغنى يوقىتىش رولىغا ئىگە.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بۇغداي ئۇنىنى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل، ئېلىمىزدە ئاساسلىقى ھوردا پىشۇرۇش، قاينىتىپ پىشۇرۇش، قاقلاپ پىشۇرۇش، داغلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق بىرقانچە خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، ياۋروپا ۋە ئامېركىدا ئاساسلىقى بولكا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
خەلق ئارىسىدا <بۇغداي ئۇنىنىڭ كونىرىغىنىنى يە، گۈرۈچنىڭ يېڭىسىنى يە> دېگەن گەپ بار ئۇزۇنراق ۋاقىت ساقلانغان بۇغداي ئۇنىنىڭ سۈپىتى يېڭى تارتىلغان بۇغداي ئۇنىنىڭ سۈپىتىدىن ياخشى بولىدۇ.
بولكىنى دوخۇپكىدىن ئېلىپ ئىككى سائەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن يېسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئۇنى دەرھال يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر بولكىنى جىق يېمەسلىكى كېرەك.
بۇغدايدىن تارتىلغان ئۇننى ئىنچىكە تارتىلغان ئۇن ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقىنى ئىنچىكە تارتىلغان ئۇندىن ئىبارەت. ئىنچىكە تارتىلغان ئۇننىڭ رەڭگى ئاپئاق بولۇپ، ئۇ بۇغداينىڭ تۆرەلمە سۈتىدىن ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. گەرچە ئۇ قارىماققا ياخشى، يېگەندىمۇ ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇغداينىڭ باشقا قىسملىرى چىقىرىپ تاشلانغانلىقتىن ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ مۇناسىپ ھالدا يوقىلىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن B دەل بۇغداينىڭ پوستىدا بولىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل پەقەت ئىنچىكە تارتىلغان ئۇن ئاساسىي ئاشلىق قىلىنىدىغان بولسا كىشىلەر بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
بۇغداي ئۇنى بۇغدايدىن تارتىلىدىغان بولۇپ، رەڭگى سۇس قوڭۇر رەڭدە، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号