خەنزۇ نامى: 燕麦
سۇلۇ يەنە ياۋا سۇلۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنى بىر خىل تەبىئىي روھلاندۇرغۇچى يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى سۇلۇنىڭ تەركىبىدىكى ھورمۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ماددا روھلاندۇرۇش ۋە مەست قىلىش رولىغا ئىگە. ئەمما سۇلۇنىڭ ئېتى قاتتىق، ئېغىز سېزىمى ياخشى ئەمەس بولغانلىقتىن، ئۇزۇندىن بۇيان ئانچە قارشى ئېلىنماي كەلگەنىدى.
ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە سۇلۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بارا-بارا كىشىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. دەۋر ژورنىلى باھالاپ چىققان ئون چوڭ ساغلاملىق يېمەكلىكى ئىچىدە سۇلۇ 5- ئورۇنغا تىزىلدى.
سۇلۇنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن سۇلۇ يارمىسى ئىستېمال قىلىشقا قۇلايلىق، ئېغىز سېزىمىمۇ ياخشىلانغان بولۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ قالدى.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
سۇلۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B12 ۋە ئاز مىقداردا ۋىتامىن E، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. سۇلۇ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.
سۇلۇنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، كالتسىي تولۇقلايدىغان ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ دائىم ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت سۇلۇ يارمىسى ئىستېمال قىلسا ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ.
سۇلۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ. دائىم سۇلۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يەنە بەدەندىكى شېكەرنى تەڭشەپ، خولېستېرول، ترى گلىتسېرىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارىتا مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
سۇلۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سۇلۇنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، بولمىسا ئاشقازاننىڭ تارتىشىشى ياكى قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۇلۇ يارمىسىدىن ئۇماچ ئېتىپ ئىچسە بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号