خەنزۇچە نامى: 大麦
تونۇش: بۇ باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئارپا بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى <ئارپا> ياكى <جەۋ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: قورۇش، تۇتۇش، قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، چىرايىنى پارقىرىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىچى سۈرۈش، يۇقىرى قىزىتما، داغ، سەپكۈن، دىئابېت كېسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان تەپ، جىگەر ياللۇغى، ئۆپكى سىلى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، خانازىر، يۆتەل، باش ئاغرىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قۇرس تەييارلاپ ياكى يالغۇز ئۆزى ۋە ياكى مۇۋاپىق دورىلار بىلەن قوشۇپ دورا تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئارپا بىلەن مۇۋاپىق تاماق تەييارلاپ يېگۈزىلىدۇ. ئاقلانغان ئارپىنى قاينىتىپ، سۈزۈپ، سوۋۇتۇپ ياكى ئىلمان ئىچسە قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ئىسسىق تەپلەرنى ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كېسەللەرنى قايتۇرىدۇ. جىگەرنىڭ قىزىقلىقىنى، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇقنى يوق قىلىدۇ، ئارپا قايناتمىسىغا چىلان، سەرپىستان، ئەنجۈر، پىرسىياۋشان قوشۇپ ئىچسە جۈدەتكۈچى قىزىتما ۋە سىل كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، بۇنىڭ قاينىتىلمىسىغا كۆكنار قوشۇپ بېرىلسە كۆكرەك ئاغرىقى ۋە قۇرۇق يۆتەلگە ھەم ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. قايناتمىسىغا زاراڭزا قوشۇپ ئىچسە بەلغەم بوشىتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
ئارپا يارمىسى سوغۇققا مايىل بولۇپ بۇ سەپرادىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ، ئارپا سۈيى بىلەن گالنى چايقىسا، گال ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ ۋە ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئارپا ئۇنىنى خېمىر قىلىپ تاڭسا ئىششىقنى قايتۇرىدۇ. ئۆزىنى يالغۇز ياكى خۇبباز ئۇرۇقى بىلەن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ قوشۇپ تاڭسا سىل ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قولتۇق ئاستىدىكى ئىششىق، ئەمچەك ئاغرىقى، قۇلاق ئارقىسى ئىششىقى، زەمچە ۋە رەۋەن بىلەن قوشۇپ تاڭسا باشقا ئەزالارنىڭ ئىششىقلىرىنى تارقىتىدۇ. ئارپا قايناتقان سۇغا بېھى سۈيى قوشۇپ چاپسا ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ چاپسا خانازىر ئىششىقىنى تارقىتىدۇ. ئارپىبەدىيان، زىغىر ئۇرۇقى، زۇپتى رۇمى، ئارپا قاتارلىقلارنى كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن قوشۇپ چاپسا كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. ئارپىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ چاپسا قىچىشقاق ۋە مۇدۇرلارغا پايدا قىلىدۇ. ئارپا تالقىنىغا شېكەر قوشۇپ بەرسە كىچىك بالىلارغا ئوبدان غىزا بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق مىقداردا.
زىيانلىق تەسىرى: تەستە سىڭىدۇ، قورساقنى ئېسىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: رۇم بەدىيان، گۈلقەنت، شېكەر، ناۋات.
ئورۇنباسارى: گۈرۈچ
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ھەم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号