خەنزۇچە نامى:麦芽
تونۇش: بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئارپىنىڭ دېنىنى سۇدا پاكىز يۇغاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سېۋە ياكى ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى بېسىپ پات-پات سۇ چېچىپ تۇرۇپ، دان 0.5-1 سانتىمېتىر ئۈنۈپ چىققاندا ئېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، سارغايغۇچە ياكى قارايغۇچە قورۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئارپا ئۈندۈرمىسىدۇر.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ھەيزنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننىڭ چىڭلىقىنى بوشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش ۋە سۈتنى كېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سېسىق كېكىرىش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىق، ھەيز نورمال بولماسلىق، سۈت كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-4 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: بالا ئېمىتىۋاتقان ياكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
چىقىش ئورنى: يۇرتىمىزدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号