خەنزۇچە نامى:小茴香
تونۇش: بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئارپىبەدىيان بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان قۇرۇتۇلغان مېۋىسى <ئارپىبەدىيان>، <رازىيەنەچ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، يەل ۋە قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋان قىلىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، خۇش پۇراق پەيدا قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئېغىز پۇراش، ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، دېمى سىقىلىش، بەل ئاغرىقى، كونا ئىچى سۈرۈش، خاپىغان، كۆڭۈل ئاينىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، يۆتەل، يانپاش ۋە بەل ئاغرىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئەرەق تارتىپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم چايلىق ئورنىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇنى گاۋزىبان گۈلى بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە خاپىغان ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشقا پايدا قىلىدۇ. پىرسىياۋشان ۋە ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ بېرىلسە يۆتەل ۋە دېمى سىقىلىشقا پايدا قىلىدۇ، ئاشقازاندىكى چاپلاشقان ماددىلارنى ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ، ئاچچىق بەلغەمنى يوقىتىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى قۇۋۋەتلىك دورىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. كونا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، كونا ئىچ سۈرۈش ئۈچۈن كۆك زىرە بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش تەسىرى بار.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سەندەل ۋە سىركەنجىبىن.
ئورۇنباسارى: كەرەپشە (چىڭسەي)
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، ئىران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号