خەنزۇچە نامى: 芝麻
ئەرەپچە نامى: سىم سىم
تونۇش: بۇ زىغىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كۈنجۈت بولۇپ، قارا ۋە ئاق رەڭلىك كۈنجتنىڭ ئۇرۇقى <كۈنجۈت> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىي كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۆتەل، زىققە، گال يىرىكلىكى، بوۋاسىر، ھەرخىل ئىششىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، ھەيز تۇتۇلۇش ۋە ئاشقازان ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 10 گرام مىقداردىكى كۈنجۈتنى سوقۇپ شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ياكى خەشخاش ۋە بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بەدەننى سەمرىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۈنجۈت تالقىنىغا ھەسەل قوشۇپ كۈندە يالاپ بەرسە يۆتەل ۋە كۆكرەك كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ. كۈنجۈتنى سۇدا ئېزىپ ئۇنىڭغا سېرىقماي قوشۇپ ئىشلىتىلسە ياكى ئالتە گرام كۈنجۈتنى بىر گرام ياڭاق مېغىزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ، كۈنجۈتنى سوقۇپ ئۇنىڭغا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ كۇمىلاچ تەييارلاپ يېگۈزۈلسە سۈيدۈك تېمىپ كېلىشنى ياخشىلايدۇ. كۈنجتنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازان ئاغرىقى، زەردىسى قايناشنى ياخشىلايدۇ. شۇ تەرىقىدە داۋاملىق بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلسا ئاشقازان ۋە ئۈچەينى يۇمشىتىدۇ. دوۋساقتىكى تاشنى يوقىتىدۇ. كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى نوقۇت بىلەن ئىچسە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە بالا چۈشۈرىدۇ. كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 60 مىللىلىتىرغا 30 گرام ۋاسالغۇ چىلانغان سۇ، 15 گرام رۇم بەدىيان سۈيى قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە قان بۇزۇلۇش مەنبەلىك قىچىشقاقنى يوقىتىپ تېرىنى يۇمشىتىدۇ، تېرە يېرىقلىرىنى يوقىتىدۇ. كۈنجۈت بىلەن زىغىرنى قوشۇپ سوقۇپ قاينىتىپ كىندىك ئاستىغا تاڭسا بالىياتقۇ ئىشىقىنى ياندۇرىدۇ. ناننىڭ يۈزىگە سېپىپمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 9-10 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئۇزۇندا سىڭىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: قورۇش ياكى ئاچچىقسۇ بىلەن ئىچىش، ھەسەل ۋە شېكەر بىلەن بېرىش.
ئورۇنباسارى: زىغىر.
چىقىش ئورنى: ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号