• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • سوقمۇنىيا 司格蒙旋花脂
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 17:47 24-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 15917
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    خەنزۇچە نامى: 司格蒙旋花脂

    ئەرەپچە نامى: مەھمۇدە

    تونۇش: بۇ يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەكلىك سامان غوللۇق، تاغلاردا ۋە تاشلىقلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك يېلىمسىمان يۆگەينىڭ قۇرۇتۇلغان سۈتىدىن ئىبارەت بولۇپ، <سوقمۇنىيا> ياكى <مەھمۇدە> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك شەكلى ھەشىقپىچەككە ئوخشايدۇ، ئۆزى ناھايىتى سۈتلۈك كېلىدۇ، بىر تەندىن كۆپلىگەن شاخلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق، يەر بېغىرلاپ پېلەك سوزۇپ ئۆسىدۇ، شاخلىرىنىڭ ئۈستىدە چاپلىشاڭغۇ ھۆللۈك بولىدۇ، ھەشىقپىچەكتىن يۇمشاق، رەڭگى كۆك ۋە ئىنچىكە كېلىدۇ، گۈلى يۇمىلاق، ئاق، ئوتتۇرىسى كاۋاك، يىلتىزى ئاق، چوڭلۇقى سەۋزىنىڭ يىلتىزىدەك. لېكىن ئۇنىڭدىن قىسقىراق، ئىچى كاۋاك، سېسىق پۇراقلىق، سۈت بىلەن تولغان بولىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە غولىنى تىلىپ قويسا سۈتى ئېقىپ چىقىپ قېتىپ سوقمۇنىيا بولىدۇ. ئۇ ساپ، يېنىك، تۆشۈكلۈك، ئاسان ئۇۋۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، كالا تېرىسىدىن ياسالغان يار يېلىمىغا ئوخشايدۇ. سۇغا سالسا سۈتتەك ئاق بولىدۇ، تىلنى ئېچىشتۇرىدۇ. بۇنداق بولمىغىنى ساختا ھېسابلىنىدۇ.

    تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    شىپالىق رولى: پارقىرىتىش، ئىششىق ۋە يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سەپرا ۋە شىلىمشىق ماددىلارنى چىقىرىش، ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىش، ئارتۇق خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىش، قورساقتىكى ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قەۋزىيەت، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، بوغۇم ئاغرىقلىرى، ئۈچەي قۇرتى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: چايان ۋە يىلان چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركىسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ. تۇربۇت بىلەن قېتىپ يېڭى سېغىلغان سۈت قوشۇپ ناشتىدا ئىچسە ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. سەۋدايى كېسەللىرىگە زەنجىۋىل ۋە تۇربۇت بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ، قىزىلگۈل بىلەن بېرىلسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازاندىكى ئارتۇق ماددىلارنى چىقىرىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 0.1-0.7 گرام.

    زىيانلىق تەسىرى: قورساقتا ئاغرىش پەيدا قىلىدۇ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ۋە يۈرىكى ئاجىز كىشىلەرگە ۋە بالىلارغا بېرىلمەيدۇ ھەم ئۆزىنى يەككە ھالەتتە سۈرگە ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى: قىزىلگۈل سۈيى، رۇم بەدىيان، تۇخۇمنىڭ سېرىقى.

    ئورۇنباسارى: سەبرى.

    چىقىش ئورنى: تۈركىيە، شام، سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

    قوشۇمچە: سوقمۇنىيانى مەستىكى بىلەن بىرگە ئېزىپ ئۇنى بىر خالتىغا سېلىپ ئالما ياكى بېھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ئويۇپ قالغان قىسمى بىلەن بېكىتىپ، ئۈستىنى خېمىر بىلەن چاپلاپ تونۇرنىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىپ ئۇنى تونۇردا قويۇپ تونۇر سوۋۇغاندىن كېيىن ئالسا پىشىدۇ. ئاندىن كېيىن خېمىرنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ شېشىگە سېلىپ ساقلاپ ئىشلىتىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号