خەنزۇچە نامى:欧缬草
تونۇش: بۇ سۇمبۇل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 80-150 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياۋرۇپا سۇمبۇلى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى <سۇمبۇل تىپ> ياكى <سۇمبۇل رۇمى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ گۈلى خۇشبۇي، قاتتىق، ئۇنىڭ شەكلى سۇمبۇل چىنىغا ئوخشىمايدۇ، يۇپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇچى يۇقىرىغا تىك تۇرىدۇ، بۇنىڭ يىلتىزى يەردىن ئۈستۈن، ئەگرى بوغۇملۇق، ئىنچىكە يىپلىق كېلىدۇ. ئىچى كاۋاك ئەمەس، يىلتىزى كۆپ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يەل تارقىتىش، قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، چىرايىنى سۈزۈكلەشتۈرۈش، پەي، نېرۋىلارنى كۈچەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پەي، نېرۋا ئاغرىقلىرى، سەرئى، ھىستىرىيە، يۈرەك قوزغىلىش، تىترىمە كېسەل، كالتە يۆتەل، ھەيز توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى، جىگەر زەئىپلىكى، جىگەر ياللۇغى، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سۇمبۇل تىپ ئاساسەن نېرۋا ئاجىزلىق ۋە يۈرەك سېلىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. سۇمبۇل تىپتىن 340 گرامنى 15 گىلوگرام ئۈزۈم سۈيىگە سېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ 140 گرام قايناق سۇ قوشۇپ ئىچسە ئاشقازان، جىگەر، بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان بارلىق كېسەللىكلىرى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: گۈل يېغى، كەتىرا.
ئورۇنباسارى: سۇمبۇل ھىندى.
چىقىش ئورنى: بۇ سۇمبۇلنىڭ ئەسلى يۇرتى ياۋروپا بولۇپ ھازىر ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدىن ۋە شىنجاڭدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号