خەنزۇچە نامى:毛甘松
تونۇش: بۇ سۇمبۇل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 15-30 سانتېمېتىر ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەڭ يوپۇرماقلىق سۇمبۇل بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى <سۇمبۇل ھىندى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىلتىز قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان توم-ئىنچىكە، دىئامېتىرى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر كېلىدىغان چاچما يىلتىزلىرى بار. ئۇشتۇلغان يۈزى سارغۇچ ئاق ياكى كۈل رەڭگە مايىل ئاق، ئۆتكۈر، تەمى چۈچۈمەل.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يەل تارقىتىش، بەدەننى قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، پەي، نېرۋىلارنى كۈچەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەكنى، مېڭىنى، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پەي، نېرۋا ئاغرىقلىرى، سەرئى، ھىستېرىيە، يۈرەك قوزغىلىش، تىترىمە كېسەل، كالتە يۆتەل، ھەيز توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر زەئىپلىكى ۋە ياللۇغى، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر كىچىكلەپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. سۇمبۇلنىڭ چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا يۈز تېرىلىرىدىكى ھەرخىل داغ، سەپكۈن قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تەركىبىگە سۇمبۇل چۈشىدىغان مۇرەككەپ دورا تەييارلاپ بېرىلىدۇ ھەم سىرتتىن ياغلىنىدۇ. يۇمشاق سوقۇپ سېپىلسە قولتۇقنىڭ سېسىقلىقىنى يوق قىلىدۇ. ئېغىزدا چاينىسا ئېغىزنىڭ بەتبۇيلۇقىنى يوق قىلىدۇ. ئالتە گرام مىقداردىكى سۇمبۇلنى بىر پىيالە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا سۇمبۇلدا ھەرخىل مۇرەككەپ دورىلار تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: گۈل يېغى، كەتىرا.
ئورۇنباسارى: ئىزخىر مەككى، سازەج ھىندى.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، شىزاڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ھىندىستان، نىپال، ياۋرۇپا، شىمالىي ئاسىيا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号