• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ بىشارەتلىرى
  • · جىگەر قاپلىق قۇرتى
  • · جىگەر كىچىكلەش
  • · جىگەر سانجىقى
  • · f تىپلىق جىگەر ياللۇغى
  • · d تىپلىق جىگەر ياللۇغى
  • · b تىپلىق جىگەر ياللۇغى
  • · A تىپلىق جىگەر ياللۇغى
  • · c تىپلىق جىگەر ياللۇغى
  • · جىگەرنى ئاسراش ۋە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
  • · جىگەرنىڭ بەدەندىكى رولى
  • · جىگەر ئاغرىقى
  • · جىگەرنىڭ تۈزۈلۈشى
  • · جىگەر مىزاجى سەۋدادىن بۇزۇلۇش
  • · جىگەرنىڭ ئورنى
  • · جىگەر مىزاجىنىڭ سوغۇقتىن بوزۇلۇشى
  • · جىگەر مىزاجىنىڭ بەلگىلىرى
  • · جىگەرنىڭ قان سەۋەبلىك بۇزۇلۇشى
  • · جىگەر كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
  • · جىگەرنىڭ سەپرا سەۋەبلىك بۇزۇلۇشى
  • · جىگەر ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى
  • · جىگەر ئىشىقى (جىگەر ياللۇغى)
  • · جىگەردە توسالغۇ پەيدا بولۇش
  • · جىگەر مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش
  • · سەۋدادىن (قۇرۇق سوغۇق) بولغان جىگەر ئاجىزلىق
  • · جىگەر قورۇلۇش ۋە قۇرۇش كېسەللىكى
  • · بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئاجىزلىقى
  • · جىگەر راكى
  • · جىگەر ئاجىزلىقى
  • · جىگەر كېسەللىكى سەۋەبىدىن بولغان سېرىقكېسەل (يارقان كېسىلى)
  • · جىگەردە قۇرت پەيدا بولۇش
  • · جىگەر كېسەللىكلىرى ھەققىدە
  • · رەئىس ئەزالارنى تازىلاش ئۇسۇلى
  • · جىگەر قېتىش (يىگىلەش)
  • · جىگەر كېسەللىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان دىئابىت كېسەللىكى
  • · ھاراق ۋە سېمىزلىك جىگەر كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ
  • · قورساققا يەل ۋە سۇ يىغىلىش
  • · جىگەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولغان ئاق كېسەل
  • · جىگەر ئۆسمىسى
  • · جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
  • · جىگەر ۋە ئۆت تېشى كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رېتىمسىزلىق
  • · جىگەرنىڭ يەللىك كۆپۈشۈپ قېلىشى
  • · جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار سۈتنى قانداق ئىچىشى كېرەك ؟
  • · جىگەر ئاجىزلىقتىن بولغان مېڭە كېسەللىكى
  • · جىگەر يىرىڭلىق ئىشىقى
  • · جىگەر كېسىلى بارلار ھاراق ئىچمەڭ
  • · دورا بىلەن زەھەرلىنىشتىن بولغان جىگەر كېسەللىكى
  • · جىگەر سانجىقى (جىگەر-ئۆت تاش كېسەللىكى)
  • · شىۋىتسىيە ئالىملىرى جىگەر راكىغا قارشى تۇرىدىغان ماددىنى بايقىدى
  • · جىگەر سەۋەبىدىن بولغان تال چوڭىيىش كېسەللىكى
  • جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ بىشارەتلىرى
    مەنبە: نۇر تورى يوللانغان ۋاقتى: 13:36 26-02-18 يازما ئاۋاتلىقى: 15390
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى
    جىگەرنى ماي قاپلاش-جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ جىگەر كېسەللىكى
    تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا يۈزلىنىشى ھەمدە سېمىزلىك كېسىلى ۋە ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھادىسىسىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا. جىگەرنى ماي قاپلاش جۇڭگودا بارا-بارا مۇھىم بولغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملانمايدىغان كېسەللىككە ئايلانماقتا.
    جىگەرنى ماي قاپلاش ۋىرۇسچانلىققا ئىگە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ جىگەر كېسەللىكىگە ئايلاندى. جۇڭگودىكى سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابىت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىك نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆرلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. جۇڭگودىكى ئىسپىرتسىز جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%15 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %90-%80 كىچە ساپ جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى بولۇپ، مايلىق جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %1 تىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
    قايسى كىشىلەرنىڭ جىگىرىنى ئاسانلا ماي قاپلايدۇ؟ 
     1. ھاراققا خۇمارلار: ئىسپىرتنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسىنى بىۋاستە زەھەرلەش رولى بولغانلىقتىن، ياغ ئامبىرىنى جىگەردىكى ماينىڭ ئېشىشىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە جىگەردىكى ماينىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىپ، جىگەردىكى ماينىڭ پارچىلىنىپ، ئاجرىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭا ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ جىگىرىدىكى ياغ كىسلاتاسى ئاسانلا بىر يەرگە يىغىلىپ، ئىسپىرتلىق جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىسپىرتلىق جىگەرنى ماي قاپلاش بولسا ئىسپىرتلىق جىگەر كېسەللىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلگەن، دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، كېسەللىك ئۆزگىرىش دەرىجىسى بىلەن ھاراق ئىچىش (بولۇپمۇ ئاق ھاراق) ئومۇمىي مىقدارى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
    2. سېمىزلەر: جىگەر توقۇلمىلىرىنى جانلىق تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدىن بايقىلىشىچە، تەخمىنەن %50 سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا جىگەرنى ماي قاپلاش بىرگە پەيدا بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدىكى بىر ئالىمنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، ئون سېمىز كىشىنىڭ سەككىزىدە جىگەرنى ماي قاپلاش بار بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى سېمىزلەرنىڭ قېنىدا كۆپ مىقداردىكى ئەركىن ماي كىسلاتاسى بولۇپ، ئۈزۈكسىز تۈردە جىگەرگە يەتكۈزۈلۈپ، يۆتكىلىپ ئاجرىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ، جىگەردىكى ماينىڭ توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىك خاراكتېرىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدىكەن.
    3. ئوزۇقلۇق ئارتقان كىشىلەر: ئوزۇقلۇق ئارتىش، بولۇپمۇ گۆشلۈك قۇرۇما، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېگۈچىلەردە كۆرۈلىدۇ.  ئوزۇقلۇقتا يۇقىرى ياغ، قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە جىگەرنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ماينىڭ مېتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مۇۋازىنەت ھالەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئارتىش خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ.
    4. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگۈچىلەر: ئىقتىسادچانلىق تۈپەيلى ئۇزاق مەزگىل ئاچ يۈرۈش، نېرۋا خاراكتېرلىك يېمەكلىكتىن زېرىكىش، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش ناچارلىشىش، ئىسسىق ئېنىرگىيەسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى يېتەلىك بولماسلىق، ئاقسىلنىڭ تەمىنلىنىشى تۆۋەنلەشتىن ياغنىڭ ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى ياغ توقۇلمىلىرىدىن قويۇلۇپ، جىگەرگە كىرىپ، جىگەردىكى ياغنى توپلاپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى جىگەردىكى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. ھەرىكەت مىقدارى زىيادە ئاز ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار:
    ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، مېتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ھەرىكەت ۋە چېنىقىش ئازايسا، بەدەندىكى ماينىڭ ئېنىرگىيەگە ئايلىنىشى ئازلاپ، ئارتقان ياغ جىگەردە ئاسانلا توپلىنىپ، جىگەرنى ماي قاپلاش كۆرۈلىدۇ.
    6. ۋەھاكازالار: جىگەر ياللۇغى، قاندىكى ماي يۇقىرىلاش كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر، دورىدىن، خىمىيەلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش، ھامىلدارلار ھەمدە مەلۇم جەمەت خاراكتېرلىك مېتابولىزىم كېسەللىكلىرىمۇ جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ.
    جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ بىشارەتلىرى:
    1. ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش: ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش جىگەرنى ماي قاپلاشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ئىشتىھا تۇراقسىزلاشسا، ئاشقازان ياللۇغى ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن گۇمانلىنىشتىن سىرت، يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
    2. مېتابولىزىم تەڭپۇڭسىزلىشىش: جىگەرنى ماي قاپلاش ئېغىر بولغان كىشىلەر توپىنىڭ بەزىلىرىدە يەنى ئەرلەرنىڭ كۆكسى يېتىلىش، ئۇرۇقداش يىگىلەش، كۆتۈرۈلۈش كۈچى توسالغۇغا ئۇچراش، ئىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
    3. چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش: ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جىگەرنى ماي قاپلاشتا چارچاش، ئاسان ھېرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
    4. ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ: تېرىدىكى كىچىك تومۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تارماق تومۇرنىڭ كېڭىيىشىدىن شەكىللىنىدىغان قان تومۇر مېڭى بولۇپ، شەكلى ئۆمۈچۈككە ئوخشىغانلىقتىن، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ دەپ ئاتىلىدۇ. دائىم يۈز، بويۇن، ئالقان، يۇقىرى بىلەك، كۆكرەك ئالدى ۋە مۆرە قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ.
    5. ۋىتامىن كەملىك كېسىلى: جىگەرنى ماي قاپلىغاندا ياغنىڭ توپلىنىشىغا ئوزۇقلۇقتىكى ۋىتامىن كەملىك بىرىكسە، ئادەمدە ئاسانلا كۆپ خىل ۋىتامىننىڭ كەملىكى كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىدا نېرۋا ياللۇغى، تىل ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، تېرىدە داغ پەيدا بولۇش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەردە ھەزىم يولى قاناش، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
    6. كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش: يېنىك دەرىجىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاشقا جىگەر ئىقتىدارى زەخملىنىش بىرىكسە، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ياغدىن بىزار بولۇش، قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆڭلى ئىلىشىش ئالامىتى دائىم يەككە ھالەتتە يۈز بېرىدۇ.
    7. سېرىقلىق چۈشۈش: سېرىقلىق چۈشۈش بولسا بەدەندىكى بىلىرۇبىن مېتابولىزىمى توسالغۇسى سەۋەبلىك، قاندىكى بىلىرۇبىننىڭ ئۆرلەپ، توقۇلمىغا كىرىپ، كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرىنىڭ يۇقۇملىنىپ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلىغاندا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ تىپى دائىم جىگەرنى ماي قاپلاش خاراكتېرىدە بولۇپ، مەزكۇر تىپتا ماغدۇرسىزلىنىش، ھالسىزلىنىش، ئىشتىھا تەڭپۇڭسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى جىگىرىنى ماي قاپلىغان بىمارلاردا يىنىك دەرىجىدىكى سېرىقلىق چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. جىگەردىكى ماي تازىلانغاندىن كېيىن، سېرىقلىق چۈشۈشمۇ بارغانسېرى يوقايدۇ.
    جىگەرنى ماي قاپلاشقا دىياگنوز قويۇشنىڭ ئۆلچىمى
    1. كېسەللىك تارىخى: ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچىش (بولۇپمۇ ئىسىپىرت مىقدارى يۇقىرى بولغان ئاق ھاراق)، سېمىزلىك، دىيابىت كېسىلى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىنىش ھەمدە زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك جىگەر زەخمىلىنىش كېسەللىك تارىخىي بارلار.
    2. كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر: جىگەرنى ماي قاپلاش غەيرىي كېسەللىك ئالامىتى يوق كېسەللىك بولۇپ، تەخمىنەن يېرىم ساندىكى بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالىنى ھېس قىلالمايدۇ، قىسمەن بىمارلاردا ئاسانلا چارچاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، جىگەر ئورنى بىئارامسىزلىنىش ياكى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، كېكىرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرتكەندە جىگەرنىڭ چوڭايغانلىقىنى، سىرتقى يۈزىنىڭ سىلىقلاشقانلىقىنى، ئەتراپىنىڭ يۇمىلاقلاشقانلىقىنى، يىنىك دەرىجىدە ئاغرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    3. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش: جىگەر ئىقتىدارىدىكى ALT نورمال ياكى ئۆرلىسە، قاندىكى ماينىڭ، گلىتسېرىن ئۈچ ئېستېرنىڭ، قان زەردابى ئاكتىپلىقى ئۆرلىگەنلىكىنىڭ، ئېلېكتروفورېزلاش قان شار ئاقسىلى ئاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
    4. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە CT دا تەكشۈرۈش: جىگەرنى ماي قاپلاشنىB تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە جىگەرنىڭ ئىششىپ يوغانغانلىقىنى، جىگەر ئۇيۇل ماددىسىدىن كۈچلۈك نۇر نۇقتىسىنىڭ قايتقانلىقىنى، چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلاردىكى ئەكس سادانىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشكە دىياگنوز قويۇش نىسبىتى%95 كە يەتتى. CT ئاپپاراتىدا تەسۋىر يېيىش ئارقىلىق جىگەر زىچلىقىنى تەكشۈرۈش باشقا ئەزالارنىڭكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.
    5. جىگەردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇش.
    جىگەرنى ماي قاپلاشنى كونتىرول قىلىشنىڭ پرىنسىپى
    1. ھاراق تاشلاش
    2. يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش
    3.چېنىقىش ئارقىلىق داۋالاش
    4.دورا بىلەن داۋالاش
    5. قەرەللىك تەكشۈرتۈش
    6. داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاش
    7. قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش 
    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号